شىنجاڭ شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش خىزمىتىگە 30 مىليۇن يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى

parida 2018-05-29 17:43:54

\

تەڭرىتاغ تورى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئېگىلىشىچە، شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، نامرات ئاممىنىڭ «كېسەل داۋالىتىشى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، شىنجاڭ مەخسۇس لاتارىيەلىك جامائەت پاراۋانلىق فوندىغا 30 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سالغان.
پارتىيىنىڭ 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش-تەرەقىياتتىكى ئەڭ تۈپكى نىشاندىن ئىبارەت. شۇڭا جەزمەن ئاممىغا پايدىلىق ئىشلار ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇش، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، تەرەققىيات داۋامىدا ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، جەمئىيەتتە ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، «بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش»،«بىلىم ئېلىش»، «ئەمگەك قىلىپ تاپاۋەت قىلىش»، «كېسەل داۋالىتىش»،«ياشانغانلارنى كۈتۈش»،«تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش»، «ئاجىزلارنى يۆلەش» قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاممىنى تەرەققىيات داۋامىدىكى تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەردىن بەھرىمەن قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.
ئاپتونۇم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى نامرات ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ، نازارىتىمىز «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيەلىك جامائەت پاراۋانلىق فوندىغا 30 مىليۇن يۈەن ئاجراتتى. بۇ مەبلەغ شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ، نامرات ئاممىنىڭ «كېسەل داۋالىتىش» تىكى قېيىنچىلىقى ھەل قىلىنىدۇ. بۇ ياردەم مەبلىغى ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر-يېزىلاردىكى داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش ياردەم تۈرىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونۇم رايوننىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لاتارىيەلىك جامائەت پاراۋانلىقى فوندىنىڭ جامائەت پاراۋانلىق خاراكتىرى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.