شەنبە كۈنى شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرى ھەقسىز ئېچىۋىتىلىدۇ

parida 2018-05-17 17:17:29

\

ئاسىيا مەركىزى تورى: 5-ئاينىڭ 19-كۈنى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» بولۇپ، بۇ كۈنى يەنە ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كەلگەچكە، پۈتۈن شىنجاڭدا نارات مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرى ھەقسىز ئېچىۋىتىلىدۇ ياكى يېرىم بېلەت ئېلىنىدۇ.
بۇ يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» نىڭ تېمىسى «پۈتۈن رايوننى ساياھەت قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىش» بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» ۋە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ئاممىنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، رايونىمىزنىڭ ئىناق، مۇقىم ۋەزىيىتىنى نامايەن قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دىگەن «ساياھەتچىلىك ماركىسى»نى تونۇتۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» دە، پۈتۈن رايوندىكى ھەرقايسى جاي، ۋىلايەت، شەھەرلەردە 150 تۈرلۈك «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ. يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا، ساياھەتچىلىك كوپراتىپى، يۇلتۇز دەرىجىلىك «دېھقانلار شاتلىقى» ساياھەت نۇقتىلىرىمۇ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.