بۇ يىل شىنجاڭ يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ ئاجرىتىدۇ

parida 2018-04-18 17:00:21

\

ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: مۇخبىر لياڭ يوڭنىڭ 15-ئاپرىل ئاپتونۇم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئېگىلىشىچە، بۇيىل شىنجاڭ مالىيەسى لاتارىيە بېلىتى جامائەت پاراۋانلىق پۇلى مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2017-يىلىدىكى خىزمەتلەر ئاساسىدا، ھەربىر كەنتكە 600 مىڭ يۈەن چۈشۈرۈش ئۆلچىمى بويىچە، جەمئىي 38 مىليۇن 160 مىڭ يۈەنلىك مەخسۇس لاتارىيە بېلىتى جامائەت پاراۋانلىق پۇلى ئاجرىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەبلەغ ئاساسلىقى «كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى سىياسىي تەشۋىقات، مەخسۇس تەربىيىلەش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قاتارلىق يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاپتونۇم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايون «كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك نامرات ناھىيىسىدىكى 636 كەنتنىڭ مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا 50 مىليۇن 880 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ مالىيەسى لاتارىيە بېلىتى جامائەت پاراۋانلىق پۇلى جەمئىي 18 مىليۇن 80 مىڭ يۈەن بولۇپ، 226 نامرات يېزىغا ياردەم بەرگەن.
ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سېستىمىسى قۇرۇلۇشى-پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى يېزا مەدەنىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونۇم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى باشتىن-ئاخىر يىتەكچى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەدەنىيەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.