ئۈرۈمچىدە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئۆرلىدى

parida 2018-03-12 17:17:14

\


«ئاسىيا كىندىكى» تورى خەۋىرى: 2-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە نىمكەش ئۆينىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 7195 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.42 ئۆرلىگەن. يېقىندا مەملىكەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئۆي-زېمىن سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئاپپاراتى - «يۈنفاڭ» سانلىق مەلۇمات تەتقىقات مەركىزى مەملىكەت بويىچە 100 شەھەردىكى نىمكەش ئۆي باھاسى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى 7195 يۈەنلىك باھا بىلەن تىزىملىكنىڭ 74-قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۈچ بالداق يۇقىرىغا تىزىلدى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئايدا مەملىكەت ئىچىدىكى 100 نۇقتىلىق شەھەردىكى نىمكەش ئۆي باھاسىنىڭ ئومۇمىي سېلىشتۇرما نىسبىتى 0.61 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشكارا باھا قويۇش مىقدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرما نىسبىتى 45.65 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.
نىمكەش ئۆي باھاسى رەت تەرتىپىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە نىمكەش ئۆينىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى مەملىكەت ئىچىدىكى 100 شەھەرنىڭ ئاستىنقى بۆلىكىنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئالغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشكارا باھا قويۇش مىقدارى ئارانلا 518 يۈرۈش بولۇپ، 1-ئايدىكىدىن %68.55 تۆۋەنلىگەن. شىنجاڭ «لىتۇڭ» نىمكەش ئۆي ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى دېڭ خۇينىڭ قارىشىچە، 2018-يىلى ئۈرۈمچىدە يېڭى ئۆي، نىمكەش ئۆيلەردە 2017-يىلىدىكى ھالەت داۋاملىشىپ، ئومۇمەن مۇقىم بولىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.