ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراق مەھەللىلەر قەرەللىك تەكشۈرۈلىدۇ

parida 2018-01-11 17:35:32

\

ئۈرۈمچى شەھىرى بۇيىل قىسمەن ئولتۇراق مەھەللىلەردىكى ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مېخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ، يۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ھەل قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئېگىلىشىچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرى 45 ئولتۇراق مەھەللىدىكى 896 كۇرپۇس بىنانىڭ ئوپچە ئەسلىھە ۋە ئۈسكىنىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، 50 كۇرپۇس بىنادىكى ئوپچە ئىشلىتىدىغان ئەسلىھە ۋە ئۈسكىنىلەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن مەبلەغ ئاجىرىتىپ رېمونت قىلىنغان. تەكشۈرۈش ئاساسلىقى ئولتۇراق ئۆينىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلما دېتاللىرى، ئۆگزە، سىرتقى تام، كارىدور، مەھەللە ئىچىدىكى چىملىق، يول، دەرۋازا، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا يولى،لېفىت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۆي-زېمىن خوجىلىقى شىركىتىنىڭ سەييارە تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئولتۇراق مەھەللىدىكى كونىرىغان، بۇزۇلغان ئوپچە ئەسلىھە ۋە ئۈسكىنىلەر مەبلەغ ئاجرىتىلىپ رېمونت قىلىنىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆي - زېمىن خوجىلىقى مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 45 ئولتۇراق مەھەللىدە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى قەرەللىك تەكشۈرۈش مېخانىزىمىنى يولغا قويىدىكەن، ئەگەر ئىشلىتىش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ياكى يۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەر بار بولغان ئەھۋاللار بايقالسا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلىپ خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىن ئېلىنىدىكەن. چوڭ رېمونت قىلىش زۆرۈر بولغان ئەسلىھەلەرگە قارىتا رېمونت قىلىش مەبلىغى ئاجىرىتىپ رېمونت قىلىنىدىكەن، بۇرۇنقى ئۆي ئىگىلىرى ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن ئاندىن رېمونت قىلىش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىدىغان ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي-زېمىن خوجىلىقى مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئۆي-زېمىن خوجىلىقى شىركىتىنىڭ تورىدا ئىلتىماس قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇندىن كېيىن ئۆي-زېمىن خوجىلىقى شىركىتى بىۋاستە ھالدا توردا ئولتۇراق مەھەللىلەردىكى ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرەلەيدىكەن ھەمدە ئىلتىماس قىلالايدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.