شەھىرىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشىغا نەزەر

parida 2017-12-26 18:08:30

\

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: شەھىرىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى، ئۈرۈمچى شەھىرى 2013-يىلىدىن باشلاپ تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «دۆلەتنىڭ 2-تۈركۈمدىكى ئەقلىي شەھەر بەرپا قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى ئىشەنچلىك شەھەر» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، شەھىرىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى.
شەھىرىمىزدىكى ھەرقايسى رايون ۋە ناھىيەلەر نۆۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە، بۇنىڭ ئارىسىدا شەھىرىمىزدىكى 378 ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇردى ھەمدە ئەمەلىي ۋاقىتنى تەڭشەش ئارقىلىق دەل جايىدا پار بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ شەھىرىمىزنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدىكى توك بىلەن تەمىنلىنىدىغان رايونلار، غول يول، يان يول ھەمدە شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرە ساياھەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سىمسىز تور (WIFI) بىلەن قاپلىنىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دىكى 83 مەھەللە ۋە 201 ئولتۇراق رايون ئەقلىيلەشتۈرۈلدى...
«قوشنىلار غوجىدارى» ناملىق APP ئاھالىلەرگە قولايلىق ياراتتى. «قوشنىلار غوجىدارى» ناملىق APP دە «بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلىش»، «مەھەللە ئېلانى»، «مەھەللە كەسىپلىرى»، «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمە»، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل توختىتىش»، «ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى» قاتارلىق 14 بۆلەك بار. بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق مەھەللىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەچ ئەتراپتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنى ئىزدىگىلى، ئاپتوموبىل توختىتىشنى ئالدىن كېلىشىپ قويغىلى؛ ئولتۇراق رايونغا چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق كىرگىلى، توردا سۇ، توك، پار قاتارلىقلارنى رېمونت قىلىشقا ئالدىن كېلىشكىلى، شۇنداقلا مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكى ئىشلارنى بېجىرگىلى بولىدۇ.
«قوشنىلار غوجىدارى» ناملىق APP نى دىيارىمىزغا جايلاشقان شىنجاڭ «گەنجى» ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ياساپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى سۇن جيەن مۇنداق دېدى: «بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئاھالىلەرنى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ھەمدە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتۇر. ئاھالىلەر بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكى ئىشلىرىنى بېجىرەلەيدۇ، يەنى ئاھالىلەر تەييارلاشقا تېگىشلىك ماتېرىياللار ۋە ئىش بېجىرىش تەرتىپلىرىنى APP دىن تەكشۈرۈپ، ئاندىن ماتېرىياللارنى سۈرەتكە تارتىپ يوللاپ، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىۋاسىتە مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ ئىشلىرىنى بېجىرسىلا بولىدۇ».
ھەر قايسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى بار. ئولتۇراق رايون جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاھالىلەرنىڭ بەختىيارلىق كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شەھىرىمىزدىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردىكى ھەر قايسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى بار.
«تەڭرىتاغ» رايونى 2015-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈندىدار ئولتۇراق رايونى» ناملىق ئۈندىدار سۇپىسىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 100 گە يېقىن ئولتۇراق رايوندا سىناق قىلىندى. ئاھالىلەر مەزكۇر ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە نۇسخىلىرىنى تاللاپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى قاچان ئالغىلى بولىدىغانلىقى؛ ئەتراپتىكى قايسى تاللا بازىرى ياكى ئاشخانىلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى ۋە قار تېيىلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلەلەيدۇ. بۇ ئۈندىدار سۇپىسى ئېچىلىپ بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە 700 دىن ئارتۇق ئاھالە سۇپىغا قوشۇلدى، ئاھالىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن تېز سۈرئەتتە خەۋەردار بولالايدۇ ھەمدە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ.
«گۇاڭخۇي» خوجىلىق شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز شەھىرىمىزدىكى 100 دىن ئارتۇق ئولتۇراق رايون ۋە بىنا-سارايغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، كەلگۈسىدە بىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويىمىز». ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئولتۇراق رايونلار يىل ئاخىرىغىچە مەخسۇس تور بىلەن قاپلىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇس، قانۇنىي ئىگە ۋە بوشلۇق جۇغراپىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. بۇ ئۈچ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تۈرى نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزنىڭ ئۈچ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىگە ئايلانغان. شەھىرىمىز نۆۋەتتە پۈتۈن شەھەردىكى مەھەللە تورلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋاتىدۇ، يىل ئاخىرىغىچە ئەقلىي شەھەر مەخسۇس تورى مەھەللىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلايدۇ.
شەھىرىمىز 2014-يىلى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەقلىي شەھەر قۇرۇش خىزمىتى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەقلىي شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى 32 تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنى بېكىتكەن بولۇپ، شەھەر ئاممىۋى ئۇچۇر سۇپىسى، جامائەت ئۇل سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، تور ئۇل ئەسلىھەلىرى، شەھەر باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش، قاتناش، مۇھىت ئاسراش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ئولتۇراق رايون قاتارلىق كۆپ تەرەپنى قاپلىدى. شەھىرىمىز 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇلۇش ۋە ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپ ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر جامائەت ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇھىت ئاسراش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماددىي ئەشيا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سودا قاتارلىق بىر قەدەر زور ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوللىنىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
شەھىرىمىز 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەدبىر بەلگىلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت ۋە «ئىككىلەشتۈرۈشنى بىرىكتۈرۈش» قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتكۈزۈپ، ئەقلىي ئۈرۈمچى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك سىستېمىلاردا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوللىنىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ھەمدە بىر تۈركۈم مۇھىم خاسلىققا ئىگە ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشلار ۋە بەلگىلىك كۆلەمدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر باغچىلاشقان رايونىنى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدىكى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، شەھەر، يېزا پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە بەختىيارلىق كۆرسەتكۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ.
مەملىكىتىمىز 2020-يىلى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئولتۇراق رايون بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %50 كە يەتكۈزىدۇ.
شەھىرىمىزدىكى 378 پار شىركىتى پار بىلەن تەمىنلەشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇردى.
ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەرۋازا سىستېمىسىدىن 268 ى، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىدىن 356 سى، مېھمان قوبۇل قىلىش سىستېمىسىدىن 158 ى سەپلىنىپ، كىملىككە ئاساسەن 116 مىڭدىن ئارتۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاچقۇچ بېجىرىلدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.