ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان پويىزىنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەنلىدى

parida 2017-12-12 18:39:22

\

ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىن كورلىغىچە قاتنايدىغان «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەنلىتىلدى. 11-دېكابىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى ئالاقە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلىپ، پويىزنىڭ مۇساپىسى قىسقىرىغان، شۇنىڭ بىلەن بېلەت باھاسى تۆۋەنلىتىلگەن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغىچە قاتنايدىغان ئۈچ جۈپ پويىزنىڭ بېلەت باھاسى 4.5 يۈەندىن 11.5 يۈەنگىچە چۈشكەن.
  «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» پويىزىنىڭ ئايلىنىش لىنىيەسىدىكى يەنە بىر تەڭشىلىش شۇكى، بۇ پويىز ئەمدى تۇرپان بېكىتىدە توختىمايدۇ، بۇ پويىزنىڭ مۇساپىسىنىڭ قىسقارغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ پويىز بېلىتى باھاسى مۇساپىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پويىزنىڭ مۇساپىسى قىسقىرىسا بېلەت باھاسى چۈشىدۇ.
  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كورلىدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغىچە بولغان قاتتىق ئورۇندۇقلۇق بېلەتنىڭ باھاسى 69 يۈەندىن 64.5 يۈەنگە، يۇمشاق ئورۇندۇقلۇق بېلەتنىڭ باھاسى 107 يۈەندىن 100.5 يۈەنگە، قاتتىق كارىۋاتلىق بېلەتنىڭ باھاسى 130 يۈەندىن 122.5 يۈەنگە، يۇمشاق كارىۋاتلىق بېلەتنىڭ باھاسى 194 يۈەندىن 182.5 يۈەنگە چۈشۈرۈلگەن. ئومۇمىي بېلەت باھاسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى 4.5 يۈەندىن 11.5 يۈەنگىچە بولغان. ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن كورلىغىچە قاتنايدىغان «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» قاتارلىق ئۈچ نۆۋەتچى پويىزنىڭ بېلەت باھاسىمۇ ماس قەدەمدە چۈشۈرۈلگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.