جۇڭگو ئايروپىلاندا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى بىكار قىلدى

parida 2017-09-19 17:53:52

\

پېڭپەي ئاخباراتىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن چاقىرىلغان جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئايروپىلاندا يانفون قاتارلىق ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى قويۇۋېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
«چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلاردىكى جامائەت ئاۋىياتىرانسىپورتىدا توشۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قائىدە» دېيىلدى)گە يېقىندا 5-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ئېلان قىلىندى، ئۇ 2017-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئۇچۇش ئۆلچىمى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ تاۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تۈزىتىشتە ئايروپىلاندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر (PED)نى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كەڭ قويۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئاۋىياتسىيە شىركىتى باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئايروپىلاندا قايسى خىل ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى قارار قىلىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئۇچۇش ئۆلچىمى مەھكىمىسى مۇناسىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە باھالاش ئۇسۇلىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىكەن.
ئايروپىلاندا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدە ئەسلىدە بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلغانلىقى سەۋەبتىن چەكلىمە قويۇلغان ئىدى. بۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى چىقىرىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى بەلكىم ئېلېكتر ماگنىتلىق كاشىلا پەيدا بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىدى.
بىراق ئەمىلىيەت شۇكى، شەخسىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئېلېكتر سىستېمىسىغا كاشىلا پەيدا قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان-ھازىرلانمىغانلىقى ئەزەلدىن ئىلمىي دەلىللەشتىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئايروپىلاندا يانفون ئىشلىتىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى شاللاۋاتىدۇ. 2013-يىلى، FAA (ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى) يانفون ئىشلىتىشنى تەدرىجىي قويۇۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.