كېيىنكى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مۇقىم بولىدۇ، ئۆي-زېمىن سېلىنمىسى ئازىيىدۇ

parida 2017-07-17 14:53:48

\

قاتناش بانكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، ئۆي-زېمىن سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلايدىكەن، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سەۋەبتىن بولىدىكەن: بىرىنچىدىن، قاتناش بانكىسىنىڭ تۇنجى ماكرولۇق ئىقتىساد تەھلىلچىسى تاڭ جيەنۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، سانلىق مەلۇمات جەھەتتىن قارىغاندا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۇقىم بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى سانائەتنىڭ راۋاجلانغانلىقى، PMI سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولغانلىقتىن بولغان؛ ئىككىنچىدىن، كېيىنكى يېرىم يىلدىمۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۇقىم بولۇپ، چوڭ نىسبەتتە ئۆسۈش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن كىچىك، پىشاڭنى قوللىمايدىغان ئىقتىساد كۆرۈنەرلىك ئاشسىمۇ ئەمما چوڭ نىسبەتتە تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى كىچىك بولىدىكەن، ئامېرىكا-ياۋرۇپا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە قايتىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سىرتقى ئېھتىياجى تۇراقلىق بولىدىكەن؛ ئۈچىنچىدىن، ئۆي-زېمىن سېلىنمىسى بۇ يىل ئىزچىل مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئىسكىلات قالدۇقىنىڭ ئازىيىش مىقدارىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولغانلىقى، تەرەققىيات سودىگەرلىرىنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئەھۋالى ياخشى بولغانلىقتىن بولىدىكەن؛ كېيىنكى يېرىم يىلدا، تەڭشەش – تىزگىنلەش سىياسىتى يەنىلا چىڭ بولىدىكەن، ئۆي-زېمىن سېلىنمىسى ئازىيىپ، ئۆسۈم نىسبىتى ئاشىدىكەن، بۇ تۇرالغۇغا بولغان ئېھتىياجىنى كونترول قىلىدىكەن، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۆي-زېمىن سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6-5 گىچە تۆۋەنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.