يېللىننىڭ گۇۋاھلىق سۆزى شياڭگاڭنىڭ ئۆي-جاي بازىرىغا زور تەسىر كۆرسەتتى

parida 2017-07-13 16:29:48

\

مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن ئۇدا ئىككى كۈن پارلامېنتتا گۇۋاھلىق سۆزى بەردى، دەسلەپكى كۈنى فېدېراتسىيە كومىتېتى فوند ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بارا-بارا ئۆسىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆسۈم قوشمىغان ئەھۋالدىمۇ ئوخشاشلا نېيتىرال سەۋىيىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يەنە ئەگەر فېدېراتسىيە كومىتېتى پۇل پاخاللىقى %2 لىك نىشانغا يەتمەيدۇ دەپ قارىسا، ئاندىن ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەش سىياسىتىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېللىننىڭ كۈتۈلمىگەن «يۇمشاق قول» پوزىتسىيەسى شياڭگاڭنىڭ تازا جانلىنىۋاتقان ئۆي-جاي بازىرىنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى.
يېللىننىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدىن كېيىن، شىياڭگاڭ-ئامېرىكا ئۆسۈم پەرقىنىڭ زورىيىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، يۈرۈش ئۆسۈم پائالىيىتى ئاستىلىدى، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن شياڭگاڭ پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى چارشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 13-كۈنى) تۆۋەنلەپ تەخمىنەن 7.814 نۇقتا ئەتراپىدا بولدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشتىكى يۇمشاق پوزىتسىيىسى شىياڭگاڭنىڭ ئۆي-جاي بازىرىنى جانلاندۇرۇۋەتتى. ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى تۇرالغۇ ئۆي باھاسى تەخمىنەن %8.5 ئۆسكەن بولۇپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن، 3-پەسىلدە ئۆي باھاسى %5~%3 تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئەمما ئۆي باھاسى يۇقىرى بولغان ھالەتتىمۇ نۆۋەتتە قەرز نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەن، ئۆسۈم نىسبىتىمۇ تۆۋەن نۇقتىدا بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي-جاي بازىرى ياخشى، بازار مەبلىغى كۆپ بولغاچقا، ئۆي باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىشى تەس بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.