جۇڭگو ئەل ئىچى كاپىتالى ئارقىلىق ئالتۇن زاپىسىنى بېيىتىشى كېرەك

gulbostan 2016-12-15 16:47:15

\


شاڭخەي ئالتۇن سودا بېرژىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۇڭيۈ يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، «جۇڭگو ئالتۇن بازىرى تەرەققىيات فوندى قۇرۇپ، فوند يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ( بىر بەلباغ ، بىر يول) ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەل ئىچى كاپىتالى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى بېيىتىش كېرەك» دېدى.
سۇڭيۈنىڭ دېيىشىچە، ئالتۇن بازىرى تەرەققىيات فوندىنىڭ ئاساسىي تەسەۋۋۇرى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ماسلىشىپ ، دۆلەت يىپەك يولى فوندى، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى ۋە ئالاقىدار دۆلەتنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلەرگە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە ماسلىشىشنى كۆرسىتىدىكەن.
يەنى ئالاقىدار دۆلەتلەر ئالتۇن كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى كېپىل قىلىش ئارقىلىق، ئالتۇن فوندى ئالتۇن كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، پاي قوشۇپ، ئادەم كۈچى ۋە ئۈسكۈنە كىرگۈزۈپ، ئالتۇن كان مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملىك ئالتۇن سودا مەركىزىنىڭ خەلقئارالىق ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئالاقىدار دۆلەتلەر بولۇپ، ئالتۇن فوندى يەنە دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن پايدا ئۆسۈم كىرىمىنى ئارىيەت ئېلىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇنىنى ئۆسۈملۈك پۇل مۇئامىلە مۈلكىگە ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ قارشىچە، نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئالتۇن بازىرى نىسبەتەن تەرەققىي قىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە . جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاھالىنىڭ بايلىقى ئۈنۈملۈك كۆپەيدى، كۆپ خىل مۈلۈك تەقسىملەش پرىنسىپى ئاستىدا، ئالتۇن تەقسىملەشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىلگىچە يەنىلا ئالتۇننىڭ ئېقىپ كىرىشى دۆلىتى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن،« غەربنىڭ ئالتۇنىنى شەرققە يۆتكەش» يۈزلىنىشى بايلىق توپلاش ئۈنىمى ئاستىدا يەنە داۋاملىشىدىكەن . كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ ئېھتىياجى يەنىلا يەر شارى بويىچە ئالتۇن بازىرىنىڭ مۇھىم ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.