جۇڭگو تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىدۇ

guzalnur 2016-02-05 14:57:22

\

جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، 2015-يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. سودا ساھەسىدىن باشقا جۇڭگو كارخانىلىرى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بەردى، پەقەت 2015-يىلىدىكى مەبلەغ سېلىش سوممىسىلا 1 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇمىي رامكىسى ئاستىدا، جۇڭگو نۆۋەتتە تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلنېغى» نى قۇرۇپ چىقىدىكەن.

تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىياسەتنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنىڭ ياخشى بولۇشى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلىرىنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. جۇڭگونىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئىقتىساد سودا ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ سوڭفېڭ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئىستانبۇل كونسۇل رايونى تەۋەلىكىدە 60 تىن كۆپ ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانا بار. 2015-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» سىياسىتىنىڭ كۆرسەتمىسىدە، جۇڭگو كارخانىلىرى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن. مەسىلەن جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ تۈركىيە توقۇمىچىلىق بانكىسىنى سېتىۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭيۈەن تەيپىڭياڭ، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ تۈركىيەدىكى ئۈچىنچى چوڭ يۈك ساندۇقى پورتىنى سېتىۋالغان. 2015-يىلى جۇڭگونىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى 1 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بۇيان جۇڭگونىڭ تۈركىيەگە سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ».

تېخىمۇ كۆپ چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ بىر قاتار يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش چارىلىرىنى يولغا قويغان. نۆۋەتتە تۈركىيە ئالتە ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلغان، بۇ رايونلار تەۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن چەتئەل كارخانىلىرىغا رايون خاراكتېرلىك ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرلىقىمۇ يەنە چەتئەل كارخانىلىرىنى ماس ھالدا تەتقىقات ۋە تېخنىكا قوللىشى بىلەن تەمىنلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.