شوپۇرلۇقنى ئۆزى ئۆگىنىپ پىراۋا ئالغىلى بولىدۇ

guzalnur 2016-02-04 16:21:20

\

«دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى تارقاتقان جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتى پىكىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش» (دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى تارقاتقان [2015] 88-نومۇر) نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى، «يول تىرانسپورت نىزامى»، «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى» غا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تيەنجىن، باۋتو، چاڭچۈن، نەنجىڭ، نىڭبو، مائەنشەن، فۇجۇ، جىئەن، چىڭداۋ، ئەنياڭ، ۋۇخەن، نەننىڭ، چېڭدۇ، چيەندوڭنەن، دالى، باۋجى قاتارلىق 16 شەھەر (ئوبلاست) دا كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىل، كىچىك تىپلىق ئاپتوماتىك خوتلوق ئاپتوموبىل پىراۋىسىنى ئۆزى ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. بۇ تۈزۈم 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.