جۇڭگولۇق ماتېماتىك ئېينىشتىيىندىن ئېشىپ چۈشتى

guzalnur 2016-02-03 14:39:17

\

ئەگەر «دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق، ئەقىل بۆلۈنمىسى (IQ) ئەڭ يۇقىرى ئادەم كىم؟» سورالسا، كۆپىنچە كىشىلەر بىرىنچى بولۇپ ئېينىشتىيىن، نىيۇتون، خاۋكىڭ قاتارلىقلارنى خىيالىغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما رېئال تۇرمۇشتا جۇڭگولۇق ماتېماتىك مۇھاجىر تاۋ جېشۈەن تارىختىكى ئەقىل بۆلۈنمىسى ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ ئەقىللىك ئادەم دەپ ئېتىراپ قىلىندى. ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 230 غا يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسىگە ئايلانغان.

1975-يىلى تۇغۇلغان تاۋ جېشۈەن ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلغان، بالىلىق مەزگىلىدە باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئالاھىدە تالانتىنى كۆرسەتكەن؛ يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ سانغا تۇغما سەزگۈرلۈكى ۋە قىزىقىشى بارلىقىنى بايقىغان، ئۇ كېيىن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە تالانتلىق بالىلار جەمئىيىتىگە قوشۇلغان. تاۋ جېشۈەن شۇ سەۋەبتىن باشقا تالانتلىق بالىلار بىلەن تونۇشقان. تاۋ جېشۈەن 7 ياش ۋاقتىدا دىففېرېنسىيال ۋە ئىنتېگرالنى ئۆزى ئۆگەنگەن ھەمدە ھاياتىدىكى تۇنجى كىتابىنى يېزىپ چىققان، بۇ كىتابتا Basic قائىدىسى ئارقىلىق مۇكەممەل ساننى ھېسابلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار يېزىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تاۋ جېشۈەن 24 ياش ۋاقتىدا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلېس تارماق مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، بۇ مەكتەپنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ياش پىروفېسسورىغا ئايلانغان؛ 31 يېشىدا مەكئارسېر فوندى (MacArthur Foundation) تالانت مۇكاپاتى ۋە ماتېماتىكا ساھەسىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى «فىلدىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان، شۇنداقتىمۇ ئۇ كەمتەرلىك بىلەن يېڭى بىلىملەرگە ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن «ماتېماتىكا ساھەسىدىكى موزارت» دەپ تەرىپلەنگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.