7 چوڭ ھەربىي رايون 5 چوڭ ئۇرۇش رايونىغا ئۆزگەرتىلدى

guzalnur 2016-02-02 13:15:04

\

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇرۇش رايونى قۇرۇش يىغىنى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىغا ھەربىي بايراق بەردى ھەمدە يوليورۇق ئېلان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇرۇش رايونى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، تىنچلىقنى قوغداش، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش بۇرچىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇرۇش رايونى قۇرۇش يىغىنى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ 1-ئاۋغۇست سارىيىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

ئەسلىدىكى يەتتە چوڭ ھەربىي رايون: بېيجىڭ ھەربىي رايونى، شېنياڭ ھەربىي رايونى، جىنەن ھەربىي رايونى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى، چېڭدۇ ھەربىي رايونى ۋە لەنجۇ ھەربىي رايونى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.