كېيىن ئىنسانلار قەيەردىكى نېفىتنى ئىشلىتىدۇ؟

parida 2019-03-27 16:44:27

\


ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا يەرشارىدىكى نېفىت بايلىقى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ بولىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك نۆۋەتتە نېفىتنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بايلىق مەنبەلىرىنى تېپىش ئىنسانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، يېقىن كەلگۈسىدە سۈنئىي نېفىت تەبىئىي نېفىتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن. ئۇنداقتا، سۈنئىي نېفىت قانداق ھاسىل قىلىنىدۇ؟ ئۇنىڭ تەبىئىي نېفىت بىلەن قانداق پەرقى بار؟ تەبىئىي نېفىتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كاربون بىلەن ھىدروگېن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نېفىت چوقۇم كاربون بىلەن ھىدروگېندىن تەركىب تېپىشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، ئالىملار كۆمۈرگە ھىدروگېن قوشۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربون بىلەن ھىدروگېن نىسبىتىنى تەبىئىي نېفىتنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ، سۈنئىي نېفىت ھاسىل قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم شۇ ئارقىلىق بۇ ئارىلاشمىنى سۇيۇقلاندۇرۇپ سۈنئىي نېفىت ھاسىل قىلغان. باكتېرىيە ئارقىلىق نېفىت ھاسىل قىلىش نېفىت يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان قەدىمكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ يەر ئاستىدىكى كۈچلۈك بېسىم تەسىرىدە چىرىشىدىن ھاسىل بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار خېلى بۇرۇنلا باكتېرىيەدىن پايدىلىنىپ نېفىت ھاسىل قىلىشنى ئويلاشقان ھەم بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۆسۈملۈكتىن نېفىت ئېلىش 20 - ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ بېشىدا خىمىيە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق ئالىم كارۋىن بىرازىلىيەدىكى ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقلىرىدا بىر خىل كاۋچۇك دەرىخىنى بايقىغان، بۇ كاۋچۇك دەرىخىنىڭ ھەربىر تۈپى يېرىم يىل ئىچىدە 20 - 30 كىلوگىرام كېلىدىغان سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن. بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبى نېفىتنىڭ تەركىبى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلىمەيلا سالياركا ئورنىدا بىۋاسىتە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.