شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى مۇشۇ ھەپتە باشلىنىدۇ

parida 2018-06-05 16:41:59

\

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان گۈزەل شەھەر چىڭداۋنىڭ ھەممە جايلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنى كۈتۈۋىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن كەيپىياتقا تولدى. سۈرەتتە: چىڭداۋ «4-ماي» مەيدانى

\

سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر چىڭداۋ شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى بىر گۈل سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

\

سۈرەتتە: چىڭداۋ شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى دېڭىز ياقىسىدىكى يولغا قويۇلغان ھەيكەللەر.

\

سۈرەتتە: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ بەلگىسى قويۇلغان ئاپتوبۇس كوچىدا كېتىۋاتماقتا.

\

سۈرەتتە: باغ-ئورمان ئىشچىسى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يولغا گۈللەرنى تىزماقتا.

\

سۈرەتتە: كاتتا يىغىننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە گۈللەر تىزىلغان.

\

سۈرەتتە: چىڭداۋ شەھىرىنىڭ چېڭياڭ رايونى چۈنياڭ يولىدا كېتىۋاتقان ترامۋاي.

\

سۈرەتتە: چىڭداۋ شەھىرى جەنۇبىي رايونىنىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى يول بويىغا ئېسىلغان پانۇسلار.

\

سۈرەتتە: چىڭداۋ شەھىرى چېڭياڭ رايونىغا جايلاشقان ئايرودرومدىكى مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان چوڭ يول ياقىسىغا گۈللەر تىزىلغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.