دۆلىتىمىز 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتوموبىل بېجىنى تۆۋەنلىتىدۇ

parida 2018-05-24 17:34:26

\

ئاسىيا مەركىزى تورى: گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ باج نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %25، %20 بولغان پۈتۈن ماشىنا تاموژنا بېجىنى %15 كە چۈشۈرىدىغانلىقى، باج تۆۋەنلىتىش نىسبىتىنىڭ ئايرىم-ئايرىم %40، %25 بولىدىغانلىقى، باج نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %25، %20، %15، %10، %8 بولغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى تاموژنا بېجىنىڭ %6 گە چۈشۈرۈلىدىغانلىقى، باج نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە %46 چۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، خىزمەتچى خادىم جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل سېتىش مەركىزىنىڭ ئېلان تاختىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەكتە.
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلىتىمىز كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدايدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئاپتوموبىل تاموژنا بېجىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى-دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋىتىشتىكى بىر تۈرلۈك چوڭ تەدبىرى ئىكەن. باج تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %13.8، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %6 بولىدىكەن، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن. مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتوموبىل بېجىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ قۇرۇلمىلىق تەڭشىلىشى ۋە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ئاممىنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستىمالچىلارغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەرزان ئىستىمال مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىكەن.

\

سۈرەتتە: جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ شەھىرىدىكى پورسچى ئاپتوموبىلىنى سېتىش مەركىزىنىڭ ماشىنا كۆرگەزمە زالى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.