مېركىل 11- قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى

parida 2018-05-21 17:48:11

\

يەرشاى تورى خەۋىرى: تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگوغا كېلىپ، ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن. بۇ مېركىلنىڭ ئۇدا 4-قېتىم گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەنگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى، شۇنداقلا زۇڭلىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەندىن بۇيان 11-قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل شىئەنگە يېتىپ كەلدى ھەمدە ئەسكەر ئات-ھەيكەللەر مۇزىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، 56 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

\

2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل تىيەنجىن يېمەكلىك كوچىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.

\

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، مېركىل چېڭدۇدا خۇارېن ئىجتىمائىي خىزمەت تەرەققىيات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. مېركىل چارچىغىنىغا قارىماي بالىلارنىڭ ھەرخىل سۇئاللىرىغا قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەردى.

\

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، مېركىل 8-قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرىنىڭ شىننەن كەنتىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە دېھقاننىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلدى. سۈرەتتە، مېركىل قولدا ياسالغان بىر پانۇسقا قىزىقىپ قارىماقتا.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.