دۆلىتىمىزنىڭ 1-پەسىللىك خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى

parida 2018-04-17 16:17:05

\

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ئاستىدا، ھەرقايسى جايلار ۋە ھەرقايسى تارماقلار «مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش» تىن ئىبارەت ئاساسىي خىزمەت نىشانى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، زامانىۋى ئىگىلىك سېستىمىسىنى چۆرىدەپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ھەمدە خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىپ ئالمىشىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس ياراتتى.
دەسلەپكى ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، 1-پەسىلدە دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 19 تىرلىئون 878 مىليارد 300 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان. كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1-كەسپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 890 مىليارد 400 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7 تىرلىئون 745 مىليارد 100 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 11 تىرلىئون 242 مىليارد 800 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشقان. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى نىسبەتەن ياخشى بولغان؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغان؛ ئەلئارا مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان؛ سېتىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى داۋاملىق ئازايغان؛ بازارنىڭ سېتىش ئەھۋالى جانلىق بولغان؛ سودا تەتۈر پەرقى زور دەرىجىدە كىچىكلىگەن؛ بازار مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى نىسبەتەن مۇقىم سەۋىيىنى ساقلىغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان؛ ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم سەۋىيىدە ئاشقان؛ تىپ ئالمىشىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.