كەلگۈسى 10 يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %5 دىن يۇقىرى بولىدۇ

parida 2018-04-09 18:34:08

\

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى دەي شياڭلۇڭ بوئاۋ ئىقتىساد مۇنبىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسى 10 يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى بۇرۇنقىدەكلا %6 لىك ئۈنۈملۈك ئېشىش نىسبىتىنى ساقلايدۇ، مۇقىم ئېشىش نىسبىتى %5 دىن يۇقىرى بولىدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %9.4 كە يەتتى، بولۇپمۇ كېيىنكى 10 يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى %7.9، يېقىنقى بەش يىلدا %6.9 ئاشتى. بۇ ھەرگىزمۇ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاكتىپ، ئاڭلىق ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا تەڭشىگەنلىكىمىزنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى گەرچە مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەيلى تېخنىكىلىق جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئۈنۈم جەھەتتىن بولسۇن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بىز سۈرئەتنى قوغلاشمايمىز، شۇنداقلا يەنە سۈرئەتكىمۇ سەل قارىمايمىز، بەلكى سۈپەت بىلەن سۈرئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىمىز.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.