ئىلىمىزدە نامرات ئائىلىلەرنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنىدۇ

parida 2018-03-21 16:54:07

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ 3-قەۋەتتىكى زالىدا مۇخبىلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، مۇئاۋىن زۇڭلى خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن،خۇ چۈنخۇا، ليۇخې قاتارلىقلار جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
«گۇاڭمىڭ كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى: زۇڭلى ياخشىمۇسىز، يېقىنقى يىللاردا دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش-سەھىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قىسمەن نامرات ئائىلىلەردە ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن پۈتۈن ئائىلە پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار يەنىلا كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىدە، پۇقرالارنىڭ ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىشىدەك مەسىلىلەرگە قارىتا قانداق يېڭى تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ؟
زۇڭلى لى كېچياڭ: ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا بىز زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق، ئىلگىرىكى ئاساسىي داۋالىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تورىنى قۇرۇپ چىقتۇق، بۇمۇ پۇقرالارنىڭ كىچىك كېسەللەرنى كۆرسىتىشى، چوڭ كېسەللەرنى كۆرسىتەلىشى ئۈچۈن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىسمەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىتىشى تەس بولۇشتەك ئەھۋاللارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلدۇق. پەقەت نامرات ئائىلىلەرلا ئەمەس بەلكى يەنە بىر قىسىم سۈپەتلىك داۋالاش مەنبەسىدىن بەھرىمەن بولالمىغان ئائىلىلەرمۇ ئوخشاش مەسىلىگە يولۇقماقتا.
دۆلىتىمىز ناھايىتى چوڭ، دۆلىتىمىزدە يەنە 30 مىليۇندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە بار، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇنلىرى ئېغىر كېسەل سەۋەبلىك تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ جەھەتتە چوقۇم غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋەدە بەردى. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، بىز تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن سودا سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغنى كۆپلەپ ئاجرىتىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن قىلدۇق، بۇلتۇر 17 مىليۇندىن كۆپرەك كىشى بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولدى. بۇيىل مۇشۇ جەھەتتە يەنىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، مالىيەدىن كۆپ مىقداردا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغى ئاجرىتىمىز، بۇنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئاز بولغاندىمۇ 20 مىليۇندىن ئارتۇق كىشى بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتا تۈرى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئالاقە تورى بىلەن داۋالاش» نى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، سۈپەتلىك داۋالاش مەنبەسىنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئېغىر كېسەللەرنى سۈپەتلىك داۋالاش مەنبەسى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.