بۇ تۆت ساھەدە ياۋرۇپا-ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ

parida 2018-03-19 18:43:38

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: گېرمانىيە «سودا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئېلېكتىر ئىنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، پۇل-مۇئامىلە تېخنىكىسى، تور سودىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەر ساھەسىدە ناھايىتى تېزلا ياۋرۇپا-ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
1. ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە، ئىلگىرى يېقىلغۇ، كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە دۇنياۋى داڭلىق ماركا يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخنىكا كەمچىل بولغانلىقتىن، جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى غەربتىكى دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلمەيتتى. ئەمما ھازىر ئېلېكتىر ئىنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە رەقەملىك دەۋىرنىڭ يېتىپ كېلىشى جۇڭگوغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. 2017-يىلى جۇڭگو 777 مىڭ دانە ئېلېكتىر ئىنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە ئارىلاش ئىنېرگىيە ئاپتوموبىلىنى سېتىپ چىقاردى، دۇنيا ئېلېكتىر ئىنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئېگىلىدى. بېيجىڭنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، 2018-يىلى جۇڭگونىڭ ئېلېكتىر ئىنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %50~%40 ئاشۇرۇلىدۇ؛
2. پۇل-مۇئامىلە تېخنىكىسى جەھەتتە، نەق پۇلسىز پۇل-مۇئامىلە شەكلى ئومۇملىشىدۇ، مەيلى تاللار بازارلىرىدا بولسۇن ياكى دوختۇرخانىلاردا بولسۇن، كۆچمە ھالەتتىكى چىقىم قىلىش شەكلى ھەممە جاينى قاپلايدۇ. نۆۋەتتە ئۈندىداردىكى ئابونتلارنىڭ سانى بىر مىلياردتىن ئاشىدۇ، چىقىمدان ئابونتلىرى 520 مىليۇندىن كۆپ. جۇڭگو يەنە گېرمانىيەدىكى كەسپىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، 2016-يىلىدىن بۇيان گېرمانىيەدە، ئۈندىدار ۋە چىقىمدان سىناق نۇقتىسى 3600 گە يەتكەن.
3. تور سودىسى: جۇڭگودا يۈز قىسىمىنى پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلىق ئادەمسىز تاللا بازارلىرىدا، خېرىدارلار دۇكاندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، يانفوندىكى قوللىنىشچان سېستىما ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھېسابات قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى بىرىكتۈرۈش لېنىيىسىدە « يېڭى پارچە سېتىش » ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ.
4. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەر: جۇڭگودا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ سودا ساھەسىگىچە، بارلىق ئورۇنلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن «ئەقىللىق بولۇپ كەتتى». بۇخىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەر بۇندىن كېيىن ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىغا كېڭىيىشى مۇمكىن، دىمەك بۇ تۆت ساھەدە ياۋرۇپا بىلەن ئامېرىكا ئەمدى جۇڭگو بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.