بۇيىل دۆلىتىمىزدە ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى %6.5 ئاشىدۇ

parida 2018-03-15 18:16:09

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مائاش ئائىلە كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى شۇنداقلا گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ماددىي ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. بۇيىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، 2018-يىللىق تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان: دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئاھالىلەر كىرىمى ۋە ئىقتىسادنى تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش دەپ ئوتتۇرغا قويۇلدى. بۇيىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا: دۆلەت كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، نۇقتىلىق كوللېكتىپلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، خۇسۇسىيلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كېمەيتىش، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ئىستىمال تەننەرخى، خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك دەپ كۆرسىتىلدى.
2017-يىلى دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى %7.3 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن تېز بولدى. ئۆتكەن بەش يىلدا ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى %7.4 ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى، دۇنيا بويىچە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ ئوتتۇراھال كىرىملىك ئاھالىلەر دۆلىتىگە ئايلاندى.
2018-يىلى تۆۋەندىكى كوللېكتىپلارنىڭ كىرىمى ئۆستۈرۈلىدۇ:
1. 10 مىليۇندىن ئارتۇق ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ؛ 2 مىليۇن 800 مىڭ ئاھالىنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتى تاماملىنىدۇ؛ كەسىپ، مائارىپ، ساغلاملىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ ياشانغانلار، مېيىپلار، ئېغىر كېسەللەر قاتارلىق ئالاھىدە نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ؛
2. پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىنىدۇ؛
3. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛
4. تېخنىكا خادىملىرىنىڭ مائاشى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ؛
5. ئورگان ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشى ۋە قوشۇمچە ياردەم پۇلى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جاپالىق رايونلار، ئالاھىدە ئىش تۈرلىرىگە ئېتىبار بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ؛
6. پېنسىيىگە چىققان پىشقەدەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ؛
7. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئىجتىمائىي ياردەم پۇلى، نەپىقە-ئېتىبار بېرىش ئۆلچىمى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلىدۇ؛
8. ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشىلىدۇ؛
9. شەخسلەردىن ئېلىنىدىغان باج، داۋالىنىش ھەققى، تۇرالغۇ، مال سېتىۋىلىش، ساياھەت، تېلېگراف ھەققى قاتارلىقلار تۆۋەنلىتىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.