كەلگۈسى 10 يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادتا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ

parida 2018-01-19 18:23:32

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى جۇڭگونىڭ GDP ئومۇمىي قىممىتى 82 تىرلىئون خەلق پۇلى بولۇپ، پۈتۈن يىلدىكى ئېشىش نىسبىتى %6.9 گە يەتكەن.
ئەنگىلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» دە ئېيتىلىشىچە، 2017-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئەڭ تېز بولغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۆلچەردىن يۇقىرى بولغان. جۇڭگو بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن باشقا يەنە كرېدىتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى تىزگىنلىگەن. GDP دىكى قەرز نىسبىتى 2011-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن. ياپونىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ 7 يىلدىن بۇيان ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ھېسابلىنىدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا يىتەكلىشى ھەمدە مۇقىم بولغان شەخسىي ئىستىمال سەۋىيىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، جۇڭگونىڭ GDP نىڭ ئېشىش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.
گېرمانىيە مالىيە-ئىقتىساد تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ 2017-يىللىق GDP سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادى تىپ ئالمىشىش جەھەتتە «تەۋرىنىش باسقۇچى» دىن «مۇقىم سەۋىيىدە ئېشىش باسقۇچى»غا قەدەم قويغان. بۇ ئاساسلىقى بىرىنچىدىن، شەخسىي ئىستىمالنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، سانائەت ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇل كەسىپلەرگە قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەمدە قەرزنى ئازايتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىدىن بولغان.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ مالىيە-ئىقتىساد قانىلىدا بېرىلگەن خەۋەردە: «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2017-يىلىدىكى ئېشىش سۈرئىتى ھەقىقەتەنمۇ دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بىلەن باراۋار بولغان. گېرمانىيە «سودا گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە: جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بولۇپ، 2017-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.