جۇڭگولۇقلار ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى سېتىۋىلىشتا رېكورت ياراتتى

parida 2017-12-26 17:58:15

\

يەرشارى تورى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: يېقىندا ئىتالىيە پاراغەت بۇيۇملىرى بىرلەشمە مەركىزى بازار تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە پاراغەت بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %5 ئاشقان بولۇپ، تىجارەت سوممىسى 12 تېرلىئون ياۋرۇغا يەتكەن؛ ياۋرۇپا پاراغەت بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى %6 ئاشقان، تىجارەت سوممىسى 87 مىليارد ياۋرۇغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ سېتىۋىلىش سوممىسى خەلقئارا بازارنىڭ 3\1 قىسىمىنى ئېگىلىگەن.
سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى پۈتۈن دۇنيا بويىچە پاراغەت بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ئېسىل ماشىنىلار بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا كىيىم-كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى، زىبۇ-زىننەت، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە سائەت قاتارلىق بۇيۇملار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كاتتا مېھمانساراي، ساياھەت كېمىسى، ئالىي دەرىجىلىك تاماقخانا قاتارلىق ساياھەت خاراكتېرلىك تۈرلەرنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بولغان، 2016-يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %14 ئاشقان. خۇسۇسىي ئايرۇپىلان، ساياھەت پاراخوتى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغان.
ئىقتىسادىي كرىزىس پارتىلىغاندىن بۇيان، پاراغەت بۇيۇملىرى بازىرىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ سېتىۋىلىش كۈچى ئىزچىل تۆۋەنلىگەن، ئەرەبلەرنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى ئىپادىسىمۇ ئىلگىرىكىدەك ياخشى بولمىغان. ئۇلارنىڭ ئورنىنى جۇڭگولۇقلار ئېگىلىگەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە سېتىۋىلىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.