جۇڭگودا ئۆي-مۈلۈك بېجى يولغا قويۇلىدۇ

parida 2017-12-22 16:16:12

\

يەرشارى تورى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: جۇڭگو مالىيە مىنىستېرلىقىنىڭ مىنىستېرى شياۋ جيېنىڭ خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلغان «ئۆي-مۈلۈك بېجى قانۇنىنى تۇرغۇزۇش ۋە يولغا قويۇش» ناملىق دوكلاتى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.
دوكلاتتا «ئاۋۋال قانۇن تۇرغۇزۇش، تولۇق ھوقۇق بېرىش، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش» پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۆي-مۈلۈك بېجى قانۇنىنى تۇرغۇزۇش ۋە يولغا قويۇش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە تاۋار ئۆي ۋە خۇسۇسىي تۇرالغۇلارغا قارىتا، قىممىتىنى باھالاپ ئۆي-زېمىن بېجى ئېلىش، قۇرۇلۇش ۋە سودا ھالقىسىدىكى باج يۈكىنى مۇۋاپىق يەڭگىللىتىش ئوتتۇرغا قويۇلغان.
دوكلاتتا يەنە ئۆي-زېمىن بېجىنىڭ تۇرغۇزۇلۇش ۋاقىت جەدىۋىلى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، يېڭىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان باج تۈرى 2019-يىلى بارلىق قانۇنىي تەرتىپلىرى تاماملىنىش، 2020-يىلى ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇشتىكى قانۇنىي پىرىنسىپلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئوتتۇرغا قويۇلغان.
مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى ياڭنىڭ قارىشىچە ئۆي-زېمىن بېجى ئۇنداق تېز ئوتتۇرغا چىقمايدىكەن. لى ياڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆي-زېمىن بېجىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش كۈنتەرتىپىگە قويۇلىدىكەن، ئاندىن كۆپ قېتىم قاراپ چىقىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆي-زېمىن بېجى تۇرغۇزۇشتىن بۇرۇن جەزمەن ئۆي-زېمىن باھالىنىدىكەن، بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاستىچى ئورۇنلارنىڭ قاتنىشىشى زۆرۈر بولىدىكەن.
دوكلاتنىڭ مەزمونىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۆي-زېمىن بېجى سىناق قىلىنغان چوڭچىڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۆي-زېمىن بېجىنىڭ قاراتمىسى قولىدا كۆپ يۈرۈش ئۆي بولغان ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى بولۇپ، مۇۋاپىق ساندا تۇرالغۇسى بار ئادەتتىكى كىشىلەر باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن.
دوكلاتتا تەھلىل قىلىنىشىچە، ئۆي-زېمىن بېجى ئۆي سېتىۋىلىش كۆزلىمىسىنى ئۈنۈملۈك يىتەكلەپ، ئۆي-مۈلۈك سودىسىدىكى نامۇۋاپىق ئەھۋاللارنى ئازايتىدىكەن، شۇنداقلا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش بېسىمىنى يېنىكلىتىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.