9-ئايدا ئۆي باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن بولدى

parida 2017-10-24 13:50:24

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 30-كۈنى باشلانغان جۇڭگونىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىگە تولۇق بىر يىل بولدى، تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلۇپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ يىل 9-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆي باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 19-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا «ئۆي باھاسىدا ھايانكەشلىك قىلماسلىق» تەكىتلەندى، بۇ يىل ئىچىدە ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم سەۋىيىدە تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىنىڭ مەزمونى ھەمدە تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى مىنىستېرلىقىنىڭ مىنىستېرى ۋاڭ مېڭخۇينىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە يۈرگۈزىلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتى قىسقا مەزگىل ئىچىدە بوشىمايدىكەن، «تۆت خىل چەكلىمە» يەنى سېتىۋىلىشقا چەك قويۇش، قەرز ئېلىشقا چەك قويۇش، باھاغا چەك قويۇش، سېتىشقا چەك قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ۋاقتىنچە بىكار قىلىنمايدىكەن.
دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا 70 چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەردىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان تۇرالغۇ سېتىش باھاسى كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان، ئۇدا 24 ئاي ئاشقان، ئەمما ئۆسۈش نىسبىتى ئۇدا 10 ئاي تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى ئايدىن %8.3 تۆۋەنلىگەن.
دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىسكىچىسى ليۇ جيەنۋېينىڭ كۆرسىتىشىچە، 9-ئايدا 70 چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەردە ئۆي-مۈلۈك بازىرى داۋاملىق مۇقىم سەۋىيىنى ساقلىغان. سېلىشتۇرما نىسبىتىدىن قارىغاندا، قىزىق نۇقتا شەھەرلىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن؛ ئۆسۈش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن داۋاملىق تۆۋەنلىگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 70 چوڭ ئوتتۇرا تىپلىق شەھەرلەردىكى 1-قاتاردىكى شەھەرلەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى سېلىشتۇرما نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن، 2-،3-قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن ياكى ئالدىنقى ئاي بىلەن ئوخشاش بولغان، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 9-ئايدا 1-قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي ۋە نىمكەش ئۆي باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.2 تۆۋەنلىگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.