«ئامانەت - قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» ئېلان قىلىندى

parida 2017-07-20 17:31:28

\

ئامانەت - قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئامانەت - قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە گىرەلەشمە خەۋپ-خەتىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئامانەت - قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى «ئامانەت - قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئېكسپورت كرېدىتى سۇغۇرتىسىدىن باشقا ئامانەت - قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇردى.
«ئامانەت - قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى – نۆۋەتتە مەزكۇر ساھەدىكى قالايمىقان ئەھۋاللارنى تۈزەش، سېستىمىلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر، شۇنداقلا كەسپ خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان شارائىت ئاستىدا، سۇغۇرتا شىركىتىنى ئامانەت - قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنى پۇختا قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشىقا داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىللە، «ئامانەت - قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ زورايتىپ، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئامانەت - قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنى داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى، ئەمەلىي ئىقتىساد، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.