ترامپ: پۇتىن بىلەن خۇسۇسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈنلەي يالغان

parida 2017-07-19 17:36:21

\

يەرشارى تورى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپ ساندىكى تاراتقۇلارنىڭ 19-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ئاق ساراي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ رۇسيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن گېرمانىيە G20 خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىدا 2-قېتىم غەيرىي ئاشكارا يۇسۇندا ئۇچراشقان، ئاق ساراي باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پەقەت بىر مەيدان خۇسۇسىي مەخپىي سۆھبەت ئىكەن.

\

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ «تىرامپنىڭ خۇسۇسىي كۆرۈشۈشى» توغرىسىدىكى خەۋەرىگە قارىتا، ترامپ 19-ئىيۇل تىۋىتتېردا: پۇتىن بىلەن خۇسۇسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈنلەي يالغان، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ دەپ كۆرسەتتى. ترامپ مۇنداق دېدى: G20 خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنى گېرمانىيە زۇڭلىسى تەكلىپ قىلغان، بۇنى تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ساختا خەۋەر تېخىمۇ ساختىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ھەتتا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى زىياپىتىمۇ قارىماققا ناھايىتى خەتەرلىكتەك تەسىر بېرىدۇ!

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.