ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئالاھىدە قىسىمى قۇرۇشنى پىلانلىدى

parida 2017-07-18 17:33:26

\

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى «2018-يىلى مالىيە يىلى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن»نى ماقۇللىغان ، بۇ بىر تۈرلۈك تۈزىتىش لايىھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، لايىھەدە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 2019-يىلنىڭ بېشىدا مۇستەقىل ئالەم بوشلۇقى قىسىمىنى قۇرۇش تەكلىپى بېرىلگەن، بۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ «6-قىسىم»ى بولىدىكەن. ئەمما دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇننىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشىدا يەنىلا قېيىنچىلىق مەۋجۇت، يەنى ئالدى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى، ئاندىن 2011-يىلىدىكى «خامچوت كونترول قىلىش قانۇنى»نى بىكار قىلىش ياكى بۇ قانۇننىڭ يۇقىرى چەكلىمىسىنى تەڭشەش زۆرۈر ئىكەن، يەنە كېلىپ ھەر ئىككىسى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئالەم بوشلۇقى قىسىمىنى قۇرۇشقا قوشۇلمىغان، بۇنى بىھۇدە ئاۋارىچىلىق دەپ قارىغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.