پۈتۈن يەرشارىدىكى پۇل-مۇئامىلە بازىرى يېڭى بىر داۋالغۇشقا قەدەم قويدى

parida 2017-06-12 13:22:14

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئالدىنقى ھەپتە پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ دىققىتى ئاساسلىقى ياۋرۇپاغا يەنى ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ قارارى ۋە ئەنگىلىيە چوڭ سايلىمىغا مەركەزلەشكەن ئىدى، بۇ ھەپتىدە مۇھىم نۇقتا ئامېرىكىغا مەركەزلەشتى. سىرتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنى ئۆسۈم قوشىدۇ دەپ مۆلچەرلىمەكتە. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى نەچچە قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش تەدبىرى پۈتۈن يەرشارىدىكى بازارنى تەۋىرىتىپ قويغان ئىدى، بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قارارىدىن باشقا، ئامېرىكا بۇ ھەپتىدە يەنە كۆپ مىقداردىكى مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى مەسىلەن، پۇل پاخاللىقى ۋە پارچە سېتىش توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارمۇ بازاردا ئوخشاش تەۋرىنىش پەيدا قىلىدۇ.
بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 15-كۈنى) سائەت 02:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC) ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ۋە سىياسەت باياناتى ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئەڭ يېڭى ئىقتىساد مۆلچەرىنى ئېلان قىلىدۇ؛ بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى سائەت 02:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (FED) نىڭ رەئىسى Janet Yellen ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ.
بۇ ھەپتىدە ئېچىلىدىغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنىدىن بۇرۇن، CME فوندى قەرەللىك مال يۆنىلىشىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بازار بۇ ھەپتىدە ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتى %100 دەپ قارىماقتا. ئەمما، بازار بۇ ھەپتىلىك يىغىندىن كېيىنكى ئەھۋالنى كۈزىتىدۇ ھەمدە ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش يىپ ئۇچى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. نۆۋەتتە، بازار بۇ يىل 12-ئايدا ئۈچىنچى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكى %50 دىن تۆۋەن دەپ مۆلچەرلىمەكتە.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.