بۇ يىلىقى پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ « قارا ئاققۇ ۋەقەسى»

zumrat 2017-05-18 11:48:38

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۆت ئايدىن بۇيان ئەڭ چوڭ كرىزىسقا دۇچ كەلدى. ئالدىن بىلەن «مەخپىيەتلىكى» ئاشكارلاندى، ئاندىن ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشكە ئارلاشتى دەپ ئەيىپلەندى. تىرامپنى ئەيىپلەش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ سەل قارىغىلى بولمايدىغان بىر خەتەرلىك ئامىلغا ئايلاندى. ئەگەر تىرامپ رەسمىي ھالدا ئەيىپلەنسە، بۇ 2017-يىلى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ « قارا ئاققۇ ۋەقەسى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ۋاشىنگتون سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشى بىلەن، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پاي چەك بازىرى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ سايلامدىن بۇيانقى بارلىق ئۆسۈش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئالتۇن باھاسى ئىككى ھەپتىدە ئۆرلەپ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى، ئامېرىكا قەرز پايدا نىسبىتى تۆۋەنلەپ ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.