بىت كويىن باھاسى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشتى

gulbostan 2017-04-28 10:31:30

\


ئامېرىكا ئاكسىيە نازارىتى كومېتىتىنىڭ بىت كويىن ETF غا قايتا قاراپ چىقىش ئۇچۇرىنىڭ قوزغىتىشى ئاستىدا، يېقىنقى ئىككى كۈندە بىت كويىن باھاسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېقىنلاشتى. دوللار بىلەن باھا ھېسابلىنىدىغان بىت كويىن باھاسى يېقىندا %2.7 ئۆسۈپ 1305 دوللارغا چىقتى، ھەتتا 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 1325 دوللارلىق يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. 27-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى كەچ 23:23 دە، خەلق پۇلى بىلەن باھا ھېسابلىنىدىغان بىت كويىننىڭ باھاسىمۇ %5 دىن ئارتۇق ئۆسۈپ، باھا مەلۇماتى 7700 يۈەندىن ئاشتى.



\

بۇ يىلدىن بۈگۈنگىچە بىت كويىن باھاسى %30 دىن ئارتۇق ئۆستى، قىسمەن سەۋەب بولسا ئامېرىكا، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتتىكى بىر قىسىم نازارەت قىلىش ئورگانلىرى بىت كويىننى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، ئامېرىكا ئاكسىيە نازارىتى كومېتىتىنىڭ بىت كويىن ETF غا قايتا قاراپ چىقىش ئۇچۇرى بىت كويىن ETF نىڭ مۆلچەردىكىدىنمۇ تېخىمۇ تېز ھالدا رىئاللىققا ئايلىنىش ئۈمىدىگە قايتىدىن ئوت ياقتى. 3-ئايدا ئاكسىيە نازارىتى كومېتىتى ئىككى قېتىملىق بىت كويىن ETF ئىلتىماسىنى رەت قىلغان، سەۋەبى باھانى كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىش جەھەتتىن ئەندىشە قىلغان. ئەمما ناۋادا بىت كويىن ETF نىڭ بازارغا سېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنسا، كەمىدە 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى جەلىپ قىلالايدۇ، ETF ئادەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىت كويىنغا قىزىقىشىنى چوڭايىتتى، ئەكىسچە رىئال بىت كويىننى سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

\

جۇڭگو ئۆتكەن ئون يىلدا بىت كويىننىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلاندى، تەخمىنەن %85 دىن يۇقىرى. دۆلەت ئىچىدىكى بىت كويىن سودا سۇپىسى بىت كويىننىڭ باھاسى، تەۋرىنىشچانلىقى ۋە يەرشارى كۆزقارشىغا قارىتا غايەت زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.