بۇ دەل ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىنى كونترول قىلغان سىرلىق تەشكىلات

gulbostan 2017-04-19 18:44:28

\


دۇنيادا راستىنلا مۇشۇنداق بىر سىرلىق تەشكىلات مەۋجۇتمۇ؟ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئەزا بولغانمۇ؟

ئەلۋەتتە شۇنداق، بۇ دەل-ماسون تەشكىلاتى!!!

ماسون تەشكىلاتى 18-ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل مەۋجۇت، دىنىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان قېرىنداشلار تەشكىلاتى، ئەكىسچە ئۇلار ئۆزلىرى تارىخنى سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ قەۋرىسىنى ياسىغان دەۋرگىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ماسونلارنىڭ كۆپلىگەن تارمىقى بار، ھەرقايسى جايلاردىكى تارمىقىدا بىردىن كۇلۇب تەسىس قىلىنغان، ئىچىگە ئىنجىل قويۇلغان، مۇراسىم ئۆتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما ئىچىگە قوشۇلماقچى بولسا، چوقۇم قاتتىق تاللاشتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئاۋال، ئۇلار ئەزالارنىڭ چوقۇم ئەر بولۇشى ھەمدە يارىتىش نەزەرىيەسىگە ئىشىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر قاتار تەلەپلەرنى قاندۇرغاندىن كېيىن، قاتناشقۇچى باشلىنىشىدا پەقەت ئۆگەنچىگە ئايلىنىدۇ، ئۈچ نۆۋەتلىك ئىقتىدار سىنىقىدىن كېيىن، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، ئاندىن ھەقىقىي ئەزاغا ئايلىنىدۇ.

بۇ تەشكىلاتنىڭ سىرلىقلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا خەلقى ئۇنىڭغا قارىتا قىزىقىش ۋە ئەندىشىلىك زىددىيەتلىك ئويغا تولغان. ئەمما ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشلەر ماسونلارنىڭ ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە قانچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلىدۇ.

تارىختا كۆپلىگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى دۇنيادىكى بۇ داڭلىق سىرلىق تەشكىلاتقا ئەزا بولغان.


\



1. گىئورگى ۋاشىنگىتون

ئامېرىكىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ماسون تەشكىلاتىغا قاتناشقان. ماسون تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تارىخىغا ئۇل سالغان.

ئۇ 20 يېشىدا بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان. كېيىن، ۋاشىنگىتون تۇنجى قېتىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، ماسون تەشكىلاتى ئىچدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش قەسىمى بەرگەن ھەمدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىغان.



\


2. جەيمىس مونرو

ئامېرىكىنىڭ 5-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى، 17 يېشىدا ماسون تەشكىلاتىغا قاتناشقان، 1776-يىلىدىن 1780-يىلىغىچە تۆت يىل ئەزالىق ھەققى تاپشۇرغانلىقى خاتىرلەنگەن.

تۆت يىلدا، بۇ كەلگۈسىدىكى زۇڭتۇڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن چېكىنگەن ھەمدە ئۇرۇشتا ئۆلگىلى تاس قالغان، كېيىن مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلىپ قانۇن كەسپىدە ئوقىغان.


\


3. ئاندرىي جېكسون

ئامېرىكىنىڭ 7-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى. ئەينى ۋاقىتتا، قارشى تۇرغۇچىلار ماسون تەشكىلاتىنى قاباھەتلىك، دېموكراتىيەگە قارشى مەخپىي تەشكىلات دەپ قارىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ مەخپىي مۇراسىمىنى ئاشكارلىۋەتمەكچى بولغان نىيويوركلىق بىر ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان. ئۇ ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە، ماسون تەشكىلاتىغا قاتناشلىقى سەۋەبىدىن ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ كۆپ قېتىملىق تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان.



\

4. جەيمىس پولىك

ئامېرىكىنىڭ 11-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى، ئۇ ئۇنۋېرسىتىتتىكى چېغىدا ماسون تەشكىلاتىغا قاتناشقان ھەمدە 1820-يىلى رەسمىي ئەزاغا ئايلانغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ زۇڭتۇڭ25 ياشتا بولۇپ، ئەمدىلا ئاۋدوكاتلىق كېنىشكىسىگە ئېرىشكەن.


\


5. جەيمىس بۇچانان

ئامېرىكىنىڭ 15-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى. خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ماسون تەشكىلاتىنىڭ پىنسىلۋانىيەدىكى 43-نومۇرلۇق كۇلۇبىدا رەسمىي ئەزاغا ئايلانغان. بىراق كېيىن ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ناچار زۇڭتۇڭنىڭ بىرى دەپ قارالغان.


\


6. ئاندرىي جونسون

ئامېرىكىنىڭ 17-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى، بۇ زۇڭتۇڭنىڭ تەرجىمىھالىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ ماسون تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقى سالاھىيىتىدىن پەخىرلىنىپ باقمىغان. شۇ جايدىكى ماسون تەشكىلاتى ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا زور رول ئوينىغان.


\



7. جەيمېس گارفىلىد

ئامېرىكىنىڭ 20-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى، ئۇ گەرچە بىر قانچە ئاي زۇڭتۇڭ بولۇپلا قەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ماسون تەشكىلاتى ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى خېلى ئۇزۇن، 1861-يىلى ماسون تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان، 1864-يىلى رەسمىي ئەزاغا ئايلانغان.


\



8. ۋىللىيام ماكىنلېي

ئامېرىكىنىڭ 25-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى، بۇ زۇڭتۇڭ بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى ماسون تەشكىلاتىنىڭ كۇلۇب باشلىقى، زۇڭتۇڭلۇق مەزگىلىدە قەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن، ماسون تەشكىلاتى ئىچىدە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىر كۇلۇب بار.



\



9. تىئودور روزۋېلىت

ئامېرىكىنىڭ 26-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى، روزۋېلىت ماسون تەشكىلاتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان، 1902-يىلى، ئۇ بىر قېتىم تەبرىك سۆزى سۆزلىگەندە ئۆزىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە كىرىشىدە ماسون تەشكىلاتىنىڭ مەنىۋىي تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بىراق، ئۇ ماسون تەشكىلاتى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ جەمىيەتتىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولغان قىلمىشىنى كۆپ قېتىم تەنقىدلىگەن.


\



10. ۋىللىيام تافىت

ئامېرىكىنىڭ 27-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى، ۋىللىيام 1909-يىلى روزۋېلىتنى مەغلۇپ قىلىپ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن ماسون تەشكىلاتىغا قاتناشقان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگە مەزگىلىدە، روزۋېلىتنىڭ تەسىر كۇچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ماسون تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىمىنى دۇنيا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن.



\



11. ۋاررېن خاردىڭ

ئامېرىكىنىڭ 29-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى. ئۇ 1901-يىلى ماسون تەشكىلاتىدا "ئۆگەنچى" گە ئايلانغان، ئەمما 19 يىلدىن كېيىن ئاندىن رەسمىي ئەزاغا ئايلانغان، ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتى ۋاقتى بىلەن دەل كېلىدۇ- كېيىن، ئۇ زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە غەلبە قىلىدۇ.


\



12. فرانكىلىن روزۋېلىت

ئامېرىكىنىڭ 32-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى، كىچىك روزۋېلىت 1911-يىلى ماسون تەشكىلاتىغا قاتناشقان، 1934-يىلى، يەنى ئۇ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىنكى يىلى ماسون تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.1935-يىلى، ئۇ بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماسون تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە باغلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.


\

13. خاررى ترۇمىن

ئامېرىكىنىڭ 33-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى. ئۇ 1911-يىلى ماسون تەشكىلاتىغا قاتناشقان،دەرىجە ئۆسۈشى ئىنتايىن تېز بولغان. ئۇ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە يەنىلا ئىنتايىن قەتئىي ئىرادىلىك ماسون مۇرتى ئىدى، "نىيويورك ۋاقىت گېزىتى" ئىلگىرى ترۇمىننىڭ بىردىنبىر زىبۇ-زىننىتى بولسا ئۇنىڭ سول قولىغا تاقىۋالغان ماسونلۇق ئۈزۈكى، دەپ خەۋەر قىلغان.


\


14. جېرالىد فورد

ئامېرىكىنىڭ 37-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى. ھازىرغا قەدەر، فورد ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك ماسون تەشكىلاتىنىڭ كۇلۇب باشلىقى "نۆۋەتتە ئېنىقلانغىنىغا ئاساسەن"

ئۇ 1949-يىلى ماسون تەشكىلاتىغا رەسمىي قاتناشقان، 1975-يىلى كۇلۇب باشلىقىغا ئايلانغان.

ئامېرىكا تارىخىغا نەزەر سالساق، ماسون تەشكىلاتىنىڭ سايىسى راستىنلا ھەممە يەردە مەۋجۇت. بىراق، ماسون تەشكىلاتى پەقەت ئامېرىكىغىلا تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەس، ئۇ بىر دۇنياۋى خاراكتىرلىك گىگانىت تەشكىلات.....

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.