تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ دوكار: توققۇز كۈندە يۈز مىليون تېپىش

gulbostan 2017-04-18 10:29:33

\



بۇ ھېكايە مۆجىزىگە تولغان، ھەم بۇنىڭدىن كېيىن قايتا تەكرارلانماسلىقى مۇمكىن. ئەمما نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلۇغ سودا قىلغۇچىلار بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بازار ئەھۋالىغا قانداق قاراش، ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر يولىغا قانداق ھۆرمەت قىلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى باشقۇرغۇچى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چوڭ تېمىسى.
1929-يىلى ئامېرىكا پېيىنى چۈشۈشكە ئېلىشنىڭ ھالقىلىق ۋاقىت تۈگۈنى
1929-يىلى خېسسى لىۋېرمور ئامېرىكا پېيىنى چۈشۈشكە دوكار ئالىدۇ، ئۇ پۇل-مۇئامىلە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سودىنىڭ بىرى. بۇ سودا پۇل-مۇئامىلە سودىسىدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئەقىل-پاراسەت، چىدامچانلىق، قەيسەرلىك ۋە قىيىنچىلىقنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. پەقەت 1992-يىلىدىكى سوروسنىڭ فونىدسىتىرلىڭنى چۈشۈشكە دوكار ئېلىشىنى مۇكەممەل كۆپەيتىش دېيىشكە بولىدۇ، پۈتكۈل سودىغا لىۋېرمور توققۇز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ 100 مىليون دوللارغا ئېرىشىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ باي ئون شەخىسنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ، سوروس 2016-يىلى دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە 23-ئورۇندا تۇرغان.
ئەپسۇسلىنارلىقى، لىۋېرمور 1929-يىلىدىكى سودا مەشغۇلاتىنى قاتتىق سىر ساقلىغان، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشتىن ئىلگىرى نەشىر قىلغان "How to trade in stocks" ناملىق كىتابىدىمۇ تىلغا ئالمىغان. ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىككى تەرجىمىھال كىتابىدىمۇ خاتىرلەنمىگەن. بەخىتكە يارىشا، لىۋېرمور ئەڭ يېڭى تەرجىمىھالى "Boy Plunger" دا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق سىتراتىگىيەسىنىڭ تەپسىلاتىنى خاتىرلىگەن. بۇ خاتىرە بۈگۈنگىچە بولغان ئەڭ ياخشى ساقلانغان خاتىرە، دۆلەت ئىچىدە نەشىر قىلىنىپ قالسا قىزىققۇچىلارنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.

\


1929-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە: چۈشۈشكە دوكار ئېلىش پۇرسىتىگە دىققەت قىلىشقا باشلاش
ئەمىلىيەتتە، بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا پېيىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىتتىك بازىرىغا قارىتا،لىۋېرمورنىڭ باشلىنىشىدا قاتنىشىشى كۆپ بولمايدۇ، پەقەت 1928-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۆسۈشكە ئالىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئىتتىك بازارنىڭ ئاساسلىق ئىلگىرى سۈرۈش ئامىلى:
ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، پۈتۈن 20-يىللاردا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى ئۇدا ئۈچ يىل %10 دىن ئاشىدۇ؛
پۇل سىياسىتىنى قويىۋېتىش، قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى %5 لىك تۆۋەن نىسبەتتە ساقلاش؛
پاي پىشاڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئادەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئون ھەسسىلىك پىشاڭغا ئېرىشسە بولىدۇ، ئەكىسچە لىۋېرمورغا ئوخشاش بۇنداق چوڭ پايچەكلەر 25 ھەسسىلىك پىشاڭغا ئېرىشسە بولىدۇ، بانكا پايغا مەبلەغ سېلىش ئېلىپ كەلگەن پايدىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا پايغا مەبلەغ سېلىش پايدىسى %15 ئىدى.
گەرچە پىشىپ يېتىلگەن سودا قىلغۇچى ئۆسۈشكە ئېلىش ياكى چۈشۈشكە ئېلىشقا پەرۋا قىلمىسىمۇ، ئەمما لىۋېرمور تۇغما دوكار. ئۇ 1928-يىلى ئامېرىكا پېيىنىڭ ئۇدا بىر قانچە يىللىق ئۆسۈشىنىڭ داۋاملاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، 1929-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇ پاي بازىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ.

\

\


1929-يىلى 1-ئايدا دوۋجىنىس كۆرسەتكۈچى %7 ئۆسىدۇ، پاي سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىلىنىدۇ. لىۋېرمور تۇنجى قېتىم پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە 1928-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ، ئۇ ئۈزلۈكسىز كىچىك كۆلەمدە باش قىسىمنى سىناق قىلىدۇ، ئەلۋەتتە نەتىجىسى زىيان تارتىش بىلەن ئاياقلىشىدۇ. سۈرەتتىن قارىغاندا، 1929-يىلى 10ئايدا ئامېرىكا پېيىدا دەرۋەقە ھېچقاندا باش قىسىم ئىزناسى پەيدا بولمايدۇ، ھەم لىۋېرمورنىڭ ئۆزى ئېنىقلىما بەرگەن سودا پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ تەپسىلات ماڭا بىر كۆز قاراشنى دەلىلىگۈزدى، لىۋېرمور 1940-يىلى ئۆزىنىڭ سودا قىلغان ۋاقىتتىكى تەجىربىسىنى پەقەت بىر غايىۋى ھالەت دەپ خۇلاسىلەيدۇ، ئۇ ئۆزىمۇ ئەمىلىيەتتە ناھايىتى تەستە ئورۇندايدۇ. بۇ كىشلىك ھايات، ئۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، ئەمما كېيىنكى سودا قىلغۇچىلار ساۋاق ئالسا بولىدۇ.
2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى بانكىنىڭ ئاكسىيە شىركىتىگە قارىتا سالغان مەبلىغىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ. شۇنداق دېمەي تۇرالمايمىزكى، 1929-يىلىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ بىرتەرەپ قىلىش سىياسىتىنىڭ كەسپىيلىكى 2015-يىلىدىكى جۇڭگو ئاكسىيە كومېتىتىنىڭكىدىن كۈچلۈك. بۇ كۈنى بازار چۈشۈپ يېپىلىدۇ، سودا مىقدارى نورمال بولىدۇ. ئەمما سەزگۈر سودا قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇ بىر سىگىنال. بۇ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۇڭگو ئاكسىيە كومېتىتى ئاكسىيە شىركىتىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىشاڭىنى تەكشۈرگەنگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

\


2-ئاينىڭ 11-كۈنى فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى پاي بازىرى كۆپۈكىنىڭ داۋاملاشسا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، شۇ كۈنى پاي بازىرى چۈشۈپ ئېچىلىدۇ، پۈتۈن كۈندە ئەڭ چوڭ نىسبەتتە %3 چۈشۈپ كېتىدۇ، سۈرەتتىن بۇنى كۆرىۋېلىش سەل تەسرەك. شۇ كۈنى لىۋېرمورنىڭ سودا قىلغان-قىلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئەمما بىر قىسىم سەۋرسىز سودا قىلغۇچىلار بازارغا كىرىپ چۈشۈشكە ئالغان بولىشى مۇمكىن. ناۋادا ئاساسىي ئېقىمدىن ئېغىپ قارىساق، بۇ ۋاقىتتا چۈشۈشكە ئېلىش بالدۇر بولۇپ قالغان. بۇ بىر مۇھىم تەجىربە، چۈشۈشكە دوكار ئېلىش ئالاھىدە سەۋرچانلىق ۋە ساقلاشقا ئېھتىياجلىق.
3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئېدگار خوۋېر زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلىنىدۇ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا ۋال كوچىسىنى تەنقىد قىلىدۇ. پاي بازىرى %2 چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ كۈنى لىۋېرمور ئۆزىنىڭ چۈشۈشكە دوكار ئېلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. 2-ئايدا 22 مىليون دوللارلىق ئالتۇن ئەنگىلىيەدىن ۋال كوچىسىغا كىرىدۇ، ئەنگىلىيەلىكلەر ئامېرىكا پاي كۆپۈكىگە قاتنىشىدۇ.
پاي ئۇدا ئۈچ كۈن چۈشكەندىن كېيىن دەسلەپكى يۇقىرى نۇقتىغا قايتىپ كېلىدۇ، سودا مىقدارى نورمال بولىدۇ. ئەمما بازاردا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئۆسۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كەمچىل بولىدۇ، 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ پاي بازىرى يۇقىرى ئورۇندا تەۋرىنىش باسقۇچىغا كىرىدۇ، بازار يېپىلىش باھاسىدىن قارىغاندا، تەۋرىنىش رايونى ئاجىزلىققا مايىل بولىدۇ، ئوخشاشلا K شام سىزىقى سۈرىتىدە كىرىست يۇلتۇز ۋە يۇقىرى دولقۇن سىزىق كۆپرەك بولىدۇ، بۇ بازارنىڭ ئۆسۈش-چۈشۈشكە ئايرىلىشىنىڭ بىرقەدەر چوڭلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، سودا مىقدارى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. 3-ئاينىڭ 22-كۈنى فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى يىغىن ئاچىدۇ، بازار پۇل سىياسىتىنى تارايتىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ، شۇ كۈنى پاي چۈشۈپ كېتىدۇ. لىۋېرمور تۇنجى قېتىم مۇھىم سودا پۇرسىتى پىشىپ يېتىلدى دەپ قارايدۇ.

\


3-ئاينىڭ 25-كۈنى بازار ئېچىلغاندا لىۋېرمور 7 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن 150 مىليونلۇق پاينى چۈشۈشكە سېتىۋېتىدۇ، بۇنىڭغا غايەت زور جاسارەت كېتىدۇ. چۈنكى بۇ %5 لىك ئۆسۈشنىڭ ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لىۋېرمور يىغىن قارارىنى ئالدىن بىلىۋالغانمۇ-يوق، بۇنىسى ئېنىق ئەمەس، مېنىڭچە بۇ خىل مۇمكىنچىلىك پۈتۈنلەي مەۋجۇت، چۈنكى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ پەيىتتە، ئۇ بارلىق پىشاڭنى دوغا تىكمىگەن. شۇ كۈنى پاي چوڭ نىسبەتتە چۈشۈپ كېتىدۇ، لىۋېرمور مالنى قولىدا ساقلاپ قېلىپ كېچىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئىككىنچى كۈنى، پاي يۈرۈشتۈش پايدا نىسبىتى %15 تىن %20 كە ئۆسىدۇ، پاي چوڭ نىسبەتتە چۈشىدۇ، ئەڭ تەشۋىشلىك ۋاقىتتا %6.7 چۈشىدۇ، لىۋېرمور بازار يېپىلىشتىن ئىلگىرىكى بىر سائەتتە بارلىق مېلىنى چىقىرۋېتىپ سەككىز مىليون پايدىغا ئېرىشىدۇ. بۇ قېتىملىق قىسقا سىزىقتا پايدا ئېلىش ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ.
3-ئاينىڭ 27-كۈنى، سىتى بانكىسىنىڭ لىدىرى پاينى يۈرۈشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، پاي بازىرى چوڭ نىسبەتتە قاڭقىيدۇ، كېيىنكى ئىككى ئايدا، يېڭى يۇقىرى نۇقتا يارىتىدۇ.

\


بىرىنچى باسقۇچلۇق سودىنى يىغىنچاقلىساق، 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى بۆسۈش ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان. ئۇ بۆسۈش نۇقتىسىنى ئىدگار خوۋېرنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كۈنىنى تاللىمىغان، ئەكىسچە فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ يىغىن مەزگىلىنى تاللىغان. بۇ جەرياندا ئۇ "سەۋرچانلىق" نىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە چۈشۈشكە دوكار ئېلىشنىڭ ماھارىتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەرگەن.
1929-يىلى 4-ئاينىڭ 8-ئايغىچە
بۇ مەزگىلدە لىۋېرمور قوغلىشىشنى ئىنتايىن يېقىندىن تەتقىق قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە بىر قىسىم كىچىك مال ئارقىلىق بازارنى سىنىغاندىن سىرت، خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان سودا پەقەت 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى سودا بولىدۇ.
5-ئاينىڭ 13-كۈنى، داۋاملىق 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ، لىۋېرمور غايەت زور مىقداردىكى پاينى چۈشۈشكە سېتىش بىلەن بىرگە باھا چۈشكەندىن كېيىن تېزلىكتە مالنى قولىدىن چىقىرىدۇ. شۇ كۈنى بىر مىليون يۈەن پايدىغا ئېرىشىدۇ. بۇ چۈشەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق، لىۋېرمور ئۆزىنىڭ سېتىش مىقدارىنىڭ پاي باھاسىغا قارىتا تەسىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلىغان. ئۇ سىتاتىستىكا خادىمىنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ياللايدۇ. ئۇ ناۋادا 150 مىليونلۇق سېتىپ چىقىرىش مىقدارى بويىچە ھېسابلىسا، بۇنىڭ شۇ كۈنلۈك بازارنىڭ ئومۇمى سودا مىقدارىنىڭ %1 گە تەڭ بولىدۇ، ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بازار باھاسىنى تەخمىنەن %1 بېسىشى مۇمكىن. بۇ ئۇنىڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋە 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى جاسارىتىنىڭ قىسمەن كېلىش مەنبەسى. ئۇنىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى ھەرىكەتنى تاللىشىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، چۈنكى كېيىنكى 520، 522 ۋە 527 كۈنىدىكى بازاردا تېخىمۇ چوڭ نىسبەتتە تېزلىكتە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ ئۈچ كۈندىكى سودىغا ئۇ چوقۇم قاتناشمىغان.

\



لىۋېرمور ئىزچىل بازارغا كىرىش نۇقتىسىنى تەكىتلەيدۇ، پەقەت ھالقىلىق نۇقتىدا سودا قىلىدۇ،513 ھالقىلىق نۇقتا ئېنىقلىمىسىغا ئۇيغۇن ئەمەس، بەلكىم ئۇ بازارنى سىناپ بېقىشنى ئويلىغان بولىشى مۇمكىن. ئەينى ۋاقىتتىكى بازار شارائىتىدا، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى قانۇنغا ئۇيغۇن. ئەمما بۇ خىل غايەت زور مىقداردىكى مەبلەغ بىلەن بازارنى سىناش ئۇسۇلى نۆۋەتتىكى يۇقىرى چاستۇتىلىق سودا ئەۋج ئالغان دەۋردە ئەستايىدىل ئوينىلىشقا مۇھتاج بولىدۇ.
5-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئەنگىلىيە يېڭى باش ۋەزىرنى سايلاپ چىقىدۇ. لىۋېرمورBOE نىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى دەپ قارايدۇ.
پۈتۈن 6-ئايدا پاي تېزلىكتە ئۆسىدۇ. لىۋېرمور تەتقىق قىلىپ 6-ئايدا يېڭى يۇقىرى نۇقتا ياراتقان پاي سانىنىڭ بىر يىل ئىلگىرىكى 614 تىن 338 كە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، پاي ئۇدا 13 كۈن ئۇدا ئۆسىدۇ، بۇ ئىنتايىن تىپىك بولغان ئىتتىك بازارنىڭ ئالاھىدىلىكى.
7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىن، پاي رەتلىنىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ئەمما بۇ مەزگىلدىكى سودا مىقدارى ئانچە كىچىك ئەمەس.
7-ئاينىڭ 17-كۈنى، لىۋېرمور خىزمەتچىلەر يىغىنى ئېچىپ، BOE نىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنى مۇنازىرە قىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، يېڭى سانلىق مەلۇمات ۋە ماشىنا سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئاستىلايدۇ، بۇ ئامېرىكا ئىقتىساد دەۋرىيلىكىدىكى مۇھىم بولغان ئالدىن يۈرەر كۆرسەتكۈچ. لىۋېرمور 20 كىشلىك تەتقىقات ۋە سودا كوللىكتىپىغا ئىگە.
7-ئاينىڭ 18-كۈنى، 1929-يىلىدىكى يەنە بىر قەھرىمان يوسىف كېننىدى (كېننىدىنىڭ ئاتىسى) بىر مىليون پاينى چۈشۈشكە ساتىدۇ، ئۇنىڭ چۈشۈشكە سېتىش سەۋەبى بولسا ۋال كوچىسىدىكى ئاياق ئېيىتقۇچى ئۇنىڭغا چۈشۈشكە سېتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، پاي ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ مېلى %10 تىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۇ چۈشۈشكە ئېلىشنىڭ ئەڭ قىيىن يېرى، چۈنكى پۇرسەت پىشىپ يېتىلمىسە، ئۇ غايەت زور زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

\


ئەمىلىيەتتە، پۈتۈن 1929-يىلى، پەقەت ئاز ساندىكى كىشلەر چۈشۈشكە ئېلىش ئارقىلىق زور پايدىغا ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ۋال كوچىسىدىكى ئاساسلىق كۆز قاراش بولسا ئىقتىسادى تەرەققىيات ياخشى، پۇل سىياسىتى ئىللىق، ئوخشاشلا پاي چېكىنىڭ P/E مۆلچەر قىممىتىمۇ پەقەت تارىخى ئوتتۇرچە قىممەت %10 دىن يۇقىرى بولسىلا، ئۇلار ۋەيران بولۇش يۈز بەرمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلارنى بىردىنبىر ئەندىشىگە سالىدىغىنى بولسا P/B مۆلچەر قىممىتى بولۇپ، ئوتتۇرچە سەۋىيەدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
1929-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە، لىۋېرمور باش قىسىمنى سىناش سودىسىدا جەمئىي ئالتە مىليون زىيان تارتىدۇ. بۇ بىر بۆلۈك ئىنتايىن ئازاب تارتقان مەزگىل. نىيويوركنىڭ ياز ۋاقتى ئىنتايىن ئىسسىق، يىل بېشىدىن باشلاپ، ئۇ ناھايىتى ئاز ئۆيىگە قايتىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىشخانىدا ياكى نىيويوركتىكى تۇرالغۇسىدا تۇرىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى سەھەر 5-6 دە ئىشخانىدا تۇرۇشقا ئادەتلىنىدۇ، ئادەتلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىر كۈنلۈك خىزمەتكە تەييارلىنىدۇ.
سودا قىلغۇچىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، سودا زىيىنى ئېلىپ كەلگەن ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ مۇشۇنداق باش قىسىمدا چۈشۈشكە ئېلىش سودىسىغا ئوخشاش.
1929-يىلى 9-ئايدىن 10-ئايغىچە
9-ئاينىڭ 3-كۈنى، BOE نىڭ ئىچكى لىنيەسى ئارقىلىق، لىۋېرمور ئۈچ مۇھىم ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ، BOE ئۆسۈش ئۆستۈرۈشكە تەييارلاندى، ئامېرىكا پېيىدا ئېغىر كۆپۈك مەۋجۇت دەپ قارايدۇ، ئەنگىلىيەدىكى بىر مۇھىم پاي كونترول شىركىتى Hatry ۋەيران بولۇشقا تەييارلاندى. لىۋېرمور بۇ ئۇچۇرغا بازاردىن تېخىمۇ بۇرۇن ئېرىشىدۇ. ئۇ شۇ كۈنى ۋە ئىككىنچى كۈنى سودا قىلمايدۇ، ئۇ بازارنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى ئىنكاسىنى ساقلايدۇ.
سودا قىلغۇچىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بازارنىڭ ئىنكاسى ئۇچۇردىن تېخىمۇ مۇھىم. شۇڭا ئىش-ۋەقەگە ئاساسەن سودا قىلىش قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك. لىۋېرمور دەرۋەقە بۇ قائىدىنى چۈشەنگەن، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىغان، ئەمما ئۇ يەنە ھەل قىلغۇچ پەيىتنىڭ بارغانسىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن، پەقەت قايسى كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئۈچ ئۇچۇر ئىچىدە، لىۋېرمورنى ئۇخلاتمىغان ئۇچۇر بولسا Hatry شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇش ئۇچۇرى، ئۇ بۇ ئۇچۇرنى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ غايەت زور تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىغان. بۇ سودىدىكى ئۆزگەرمەس ھەقىقەت: بازار پەقەت ئەڭ بىۋاستە كۈچ تەرىپىدىن ۋەيران بولىدۇ.
9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھەل قىلغۇچ سودا كۈنىدىن ئىلگىرىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈن. بۇ كۈندە لىۋېرمور سەھەر 5:00 دە ئىشخانىغا يېتىپ كېلىدۇ، بابسوننىڭ چۈشتىن كېيىن بىر مۇھىم نۇتۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ، بابسون 1927-يىلى پاي بازىرىنى چۈشۈشكە قارىغان. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق نۇتۇقىغا تاراتقۇلار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، لىۋېرمور بۇنى بىر قېتىملىق ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتى دەپ قارايدۇ. دەرۋەقە، ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىغا ئېرىشىدۇ )بىراق بۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئاشكارا ئۇچۇر(، ئۇ بازار ئېچىلغاندا 15 مىليون مەبلەغ سېلىپ چۈشۈشكە ئالىدۇ، بابسوننىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن پاي بازىرى چوڭ نىسبەتتە چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇ بازار يېپىلىشتىن بۇرۇن بەش مىليونلۇق چۈشۈشكە ئېلىش مېلىنى كۆپەيتىدۇ. بازار يېپىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر داڭلىق ئىقتىسادشۇناس فىشېر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پاي بازىرى ۋەيران بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، تاراتقۇلار ئەسەبىيلەرچە تارقىتىدۇ. فىشېر ۋە كاينىس ئىككىلىسى ئۆسۈشكە ئېلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.
بۇ كېچىدە، لىۋېرمور ناھايىتى ئۇزۇن بىر كېچىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئۇ فىشېرنىڭ تەسىر كۈچىنى بىلىدۇ.
9-ئاينىڭ 6-كۈنى، بازار ئېچىلغاندا قولىدىكى مالنى چىقىرۋېتىش بىلەن بىرگە بەش مىليون مەبلەغ سېلىپ ئۆسۈشكە ئالىدۇ، بازار يېپىلىشتىن ئىلگىرى ئۆسۈشكە ئالغان مالنى چىقىرۋېتىپ، شۇ كۈنى 1.8 مىليون پايدىغا ئېرىشىدۇ. بازار يېپىلغاندىن كېيىن، ئۇ سودا خادىمى بىلەن بىرگە قەھۋەخانىغا بارىدۇ، بۇ خىل تۇيغۇنى پەقەت ھايات-ماماتلىق قېچىشنى بېشىدىن كەچۈرگەن كىشىلا ھېس قىلالايدۇ.
9-ئاينىڭ 20- كۈنى، ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم ئۆستۈرگەن ۋاقىتتا Hatry ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ. لىۋېرمور مۇددەتتىن بۇرۇن يۇقىرىدىكى ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقانلىقتىن قولىدىكى مالنى سېتىپ چىقىرۋېتىپ 2.5 مىليون پايدىغا ئېرىشىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن پاي ئىزچىل چۈشىدۇ، ئەمما سودا مىقدارى چوڭايمايدۇ. پاي ئۆسۈشكە ئالغۇچىلار نورمال قايتىش، مالنى كۆپەيتىشنىڭ ناھايىتى ياخشى پۇرسىتى دەپ قارايدۇ.
10-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئەنگىلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى ئامېرىكا پېيى خەۋپىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، بازار ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى.
10-ئاينىڭ 4-كۈنى، لىۋېرمور تۇرالغۇ ۋە ساياھەت پاراخوتىنى رەنىگە قويۇپ، 10 مىليون دوللارلىق قەرزگە ئېرىشىدۇ، ئەسلىدىكى 20 مىليوننى قوشقاندا، ئۇ جەمئىي 30 مىليون دوللار مەبلەغكە ئېرىشىدۇ. 25 ھەسسىلىك پىشاڭغا ئاساسەن، ئۇ 7.5 مىليونلۇق پاينى چۈشۈشكە ئالسا بولىدۇ، بۇ ئامېرىكا پاي بازىرى ئومۇمى قىممىتىنىڭ %5 گە تەڭ.
10-ئاينىڭ 5-كۈنى، پاي بازىرى ئۆسۈپ ئېچىلىپ قاڭقىيدۇ. ئامېرىكا بانكا كەسپى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى پاي خەۋپىدىن ئەسكەرتىدۇ، لىۋېرمور ھەلقىلغۇچ سودا پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ بۇ قېتىم ئىلگىرىكىدەك تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلمايدۇ، ئۇ تۈركۈمگە بۆلۈم مال ئېلىش شەكىلىنى قوللىنىدۇ، تاكى 21-كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن تولۇق تۈگىتىپ بولىدۇ. ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ 100 پاينى چۈشۈشكە ئالىدۇ، ئومۇمى بازار قىممىتى 4.5 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. لىۋېرمور خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ يېتەرلىك قەيسەر بولمىغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىدىن نېمىشقا 750 مىليون دوللارلىق چۈشۈشكە ئالمىغانلىقىنى سورايدۇ؟
ئۇنىڭ پىلانى بولسا پاي چۈشكەندە يەنە 300 مىليون دوللارلىق چۈشۈشكە ئېلىش. ئۇ ئۆزىنىڭ پايدا نىشانىنى 10 مىليوندىن 20 مىليونغىچە بېكىتىدۇ.
ئامېرىكا پېيى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى قاڭقىشنى ئۇدا تۆت كۈن داۋاملاشتۇرىدۇ، ئەمما كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ. گەرچە مەلۇم دەرىجىدىكى زىياننى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما لىۋېرمور بۇنىڭ نورمال قاڭقىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋە 18-كۈنى ئامېرىكا پېيىدا چوڭ چۈشۈش پەيدا بولىدۇ. بازاردا بىر زور سىرلىق گوروھ ئامېرىكا پېيىنى چۈشۈشكە دوكار ئاپتۇ، بۇنىڭ باشلامچىسى دەل لىۋېرمور ئىكەن دېگەن خەۋەر تارقىلىدۇ. لىۋېرمور تەھدىد تېلفونى تاپشۇرىۋالىدۇ ۋە باشقىلار ئىزىغا چۈشىدۇ.
10-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پېيى چوڭ نىسبەتتە چۈشۈپ بازار ئېچىلىدۇ، ئەڭ چوڭ نىسبەتتە %6 چۈشۈپ كېتىدۇ. لىۋېرمور "نىيويورك ۋاقىت گېزىتى" دە ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، چۈشۈشكە دوكار ئېلىش گوروھىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئوخشاشلا ئۆتمۈشتە، ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مەبلەغ سالغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىمۇ مۆلچەرلەش نۇقتىسىدىن ئامېرىكا پېيىنى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەپ ئانالىز قىلغان.
10-ئاينىڭ 22-كۈنى، بازار كىچىك نىسبەتتە قاڭقىيدۇ.
10-ئاينىڭ 23-كۈنى، چاۋشەنبە كۈنى، پاي تارقىتىش مىقدارى چۈشىدۇ. لىۋېرمور تۆتتىن بىر قىسىم مېلىنى چىقىرۋېتىپ، 8 مىليون پايدىغا ئېرىشىدۇ. 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، پەيشەنبە كۈنى، بازاردا ئەندىشىلىك چۈشۈش پەيدا بولىدۇ. لىۋېرمور چۈشۈش يۇقىرى دولقۇنىدا مېلىنىڭ يېرىمىنى چىقىرۋېتىپ، 14 مىليون پايدىغا ئېرىشىدۇ. شۇ كۈنى بازار يېپىلىشتىن بۇرۇن قاڭقىيدۇ، ئۇ يەنە 100 مىليونلۇق چۈشۈشكە ئالغان مالنى كۆپەيتىدۇ.
10-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئىدگارد خوۋېر ئوتتۇرىغا چىقىپ بازارغا تەسەللىي بېرىدۇ، بازار قىسقا مەزگىل تۇراقلىشىدۇ. لىۋېرمور قىسمەن مېلىنى چىقىرۋېتىدۇ، شۇ كۈنىگىچە ئۇ جەمئىي 27 مىليون دولار پايدىغا ئېرىشىدۇ.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، قارا دۈشەنبە، شۇ كۈنى دوۋجىنىس كۆرسەتكۈچى %14 چۈشىدۇ، لىۋېرمور 50 مىليونلۇق چۈشۈشكە ئالغان مالنى كۆپەيتىدۇ.
10-ئاينىڭ 29-كۈنى، قارا سەيشەنبە، بازار كۈچلۈك تەۋرىنىش ئاستىدا %19 چۈشۈپ كېتىدۇ، لىۋېرمور بارلىق مېلىنى چىقىرۋېتىپ 93 مىليون پايدىغا ئېرىشىدۇ.


لىۋېرمور 1877-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان، 1940-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان، ئۇنىڭ لەقىمى ۋال كوچىسى گىگانىت ئېيىقى، ئۇ كۆپ قېتىم ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ھەم 1929-يىلىدىكى ئامېرىكا پاي ئاپىتىدە ئامېرىكا پېيىنى چۈشۈشكە ئېلىپ 20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق دوكارغا ئايلانغان.

ئىزاھات: بۇ تارىختىكى تۇنجى زوكۇڭ قىلغۇچى، زوكۇڭ دېگەنلىك چۈشۈشكە ئېلىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە بەزىدە شۇ شەخىسنىڭ چۈشۈشكە ئالغانلىقى سەۋەبىدىن بازار چۈشۈپ كەتكەن بولسا شۇ شەخىسنى بازارنى چۈشۈرۋەتتى دەپ قاراپ، ئۇنى زوكۇڭ قىلدى دەيدۇ، شۇڭا ئۇ خەنچىدە 做空者 زوكۇڭ قىلغۇچى دەپ ئېلىنىدۇ، بىز بۇ يەردە دوكار دەپ ئالدۇق. ھەم ئادەتتىكى كىشلەرنىڭ چۈشۈشكە ئېلىشى بىلەن چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چۈشۈشكە ئېلىشىنىڭ پەرقى بار، تەسىرى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا زوكۇڭنى چۈشۈشكە دوكار ئېلىش دەپ ئالدۇق.


ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.