بۇ خىل ئىش ئىككى قېتىملىق چېكىنىش دەۋرىدە يۈز بەرگەن، ھازىر يەنە يۈز بەردى

gulbostan 2017-04-12 14:52:49

\

كۆپ خىل ئىقتىسادى ئامىل تەسىرى تۈپەيلىدىن، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ كىردىت قەرز ئومۇمى سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى توختاپ قالدى، ھەتتا قىسمەن ساھەنىڭ كىردىت قەرز ئومۇمى سوممىسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى سۈپىتىدىكى سودا ۋە سانائەت كەسىپلىرىنىڭ كىردىت قەرز ئومۇمى سوممىسى تۆۋەنلەپ 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا قارىتا يۈكسەك ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىغان ئىقتىسادشۇناسمۇ ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا چوڭ سايلىمى ئاياقلاشقاندىن بۇيانقى «ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى» نىڭ پەقەت ئىستىمالچىلار ۋە كارخانىنىڭ كەيپىيات قاتلىمىدا توختاپ قالغانلىقى، ئىقتىسادى ئېشىشقا ھەقىقىي بۇرالمىغانلىقىنى تەدىرجىي تونۇپ يېتىشكە باشلىدى. نۆۋەتتە، ئامېرىكا بانكىسى Merrill Lynch نىڭ ئانالىزچىسى خاررىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئىقتىساد ئانالىزچىلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قارىتا مۆلچەرى بارغانسىرى ئېھتىيات قىلىشقا ئۆزگەردى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى ئالدىنقى ھەپتە ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كىردىت قەرز سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ كىردىت قەرزىنىڭ ئېىششى داۋاملىق ناچارلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كىشلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە سانائەت كەسپلىرىنىڭ كىردىت قەرز ئومۇمى سوممىسى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن %2.8 ئېشىپ، 2010-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان. ئوخشاش ۋاقىتتا، ئىقتىساد ئانالىزچىلىرى نۆۋەتتىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە سانائەت كەسىپلىرىنىڭ كىردىت قەرزى ئومۇمى سوممىسىدا كەلگۈسى تۆت ھەپتە ئىچىدە مەنفىي ئۆسۈش پەيدا بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن. ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، كىردىت قەرزى ئومۇمى سوممىسىنىڭ تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ پات ئارىدا چېكىنىشكە قەدەم قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوخشاشلا، ئالدىنقى ھەپتىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى كىردىت قەرز ئومۇمى سوممىسى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن %3.8 ئېشىپلا قالماستىن، 2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى كىردىت قەرز ئومۇمى سوممىسىنىڭ % لىك مۇقىم ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆپ تۆۋەن تۇرغان.



\


ئامېرىكا Merrill Lynch نىڭ باش ئىقتىساد ئانالىزچىسى خاررىس "يۇمشاق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات يېڭى قاتتىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتقا ئايلىنامدۇ" ناملىق تەتقىقات دوكىلاتىدا، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ئورگانلار ئاشكارلىغان ھەر تۈرلۈك قاتتىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا سېتىش سوممىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى كۆرسەتكۈچى چوڭ نىسبەتتە تۆۋەنلىدى. گەرچە بۇ ئىككى ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچنىڭ ئىپادىسى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش تونىلىغا كىرىشكە باشلىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ قاتتىق ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق. چۈنكى نۆۋەتتىكى ھەر تۈرلۈك ئىستىمالچىلار ۋە كارخانا كەيپىياتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق يۇمشاق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتتا بازار كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن، ناۋادا ئىستىمالچىلار ۋە كارخانا ئومۇميۈزۈك ھالدا ئىقتىسادى تەرەققىياتقا قارىتا ئۈمىدۋار ئارزۇدا بولسا، ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى كېڭىيىشكە باشلايدۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى كۆپ تۈرلۈك قاتتىق سانلىق مەلۇمات بۇ نەتىجىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ خىل ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ئارىسىدىكى يۈزلىنىشكە قارىتا ئېھتىيات قىلىش پوزىتسىيەسىنى ساقلىشى كېرەك، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.


\



ئامېرىكا بانكىسى Merrill Lynch نىڭ ئىقتىسادشۇناسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، باشقا بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات مۆلچەردىكى قاتتىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات- ئامېرىكا ئىقتىسادى كىردىت قەرز ئومۇمى سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن ئىكەن. ئەڭ يېڭى ئاشكارلانغان كىردىت قەرز سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىق ئىستىمالچىلار ۋە كارخانىنىڭ ھەممىسى ئۈمىدۋار پوزىتسىيەنى ساقلاپ قالغان. بۇ خىل كەيپىيات ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارىسدا ساقلانغان پەرق قاتتىق ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچ ئىپادىسىنىڭ بۇ ھادىسىگە يوشۇرۇن ساقلانغان بازار خەۋپىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئامېرىكا بانكىسى Merrill Lynch نىڭ ئىقتىسادشۇناسى يەنە، نۆۋەتتە بۇ خىل دائىرىسى بىرقەدەر چوڭ ھەم داۋاملىشىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغان كىردىت قەزى ئومۇمى سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى تارىختا پەقەت ئىككى قېتىملا يۈز بەرگەن، ئايرىم-ئايرىم 2000-يىلى ۋە 2008-يىلى ئامېرىكا چېكىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغاندا پەيدا بولغان.

بۇنىڭدىن سىرت، ھەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغان بانكا مەھسۇلاتى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بازارنىڭ دىققەت قىلىش نۇقتىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە سانائەت كەسپى كىردىت قەرزى ئومۇمى سوممىسى نۆۋەتتە ئالدىنقى يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سەۋىيەگىچە چۈشتى. ئالتە ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە سانائەت كىردىت قەرزى ئومۇمى سوممىسى رىئال ئېشىشقا ئېرىشمىدى.


\


ئانالىزچىلار 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، بۇ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە سانائەت كەسپى كىردىت قەرز ئومۇمى سوممىسىدا ئۇدا ئالتە نۆل ئېشىشنىڭ پەيدا بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن ۋاقىت بولسا مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش مەزگىلى دەپ كۆرسەتكەن.


\


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئىستىمال كىردىت قەرزىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ چوڭ نىسبەتتە ئاستىلاشقا باشلىغان، ئامېرىكا چوڭ سايلىمى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئىستىمال كىردىت ئومۇمى سوممىسى بۇ بەش ئايدا ئاران %3.1 ئاشقان، ئەكىسچە ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ ئىستىمال كىردىت قەرزى %3.1 لىك مۇسبەت ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.



\


ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا، زۇڭتۇڭ ترامىپ ۋەدە قىلغان كارخانا بېجى مەنفى ئىسلاھاتى قانۇن لاھىيەسى ھېچقانداق ئىلگىرلەشكە ئېرىشمىگەندەك قىلىدۇ، بازارنىڭ ئۈمىدۋار كەيپىياتى ئومۇميۈزلۈك چۈشۈپ كەتتى، كۆپلىگەن ئىقتىسادشۇناسلار ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشىدىن ئېھتىيات قىلىشقا باشلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى، باشقا تور بەتلەرنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈشىگە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.