ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قىسقا كارتىنىسى

gulbostan 2017-03-24 12:50:27

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 3-ئاينىڭ 24-كۈنى نيۇيورك فدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى ئەڭ يېڭى ئايلىق دوكىلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىسمى: ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قىسقا كارتىنىسى. تۆۋەندىكىسى بولسا بۇ دوكىلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
ئامېرىكىنىڭ 1-ئايلىق ئەمىلىي ئىستېمال چىقىمى كېمەيگەن، 1-پەسىللىك ئەمىلىي PCE نىڭ سۈرىتىنىڭ ئېشىشى ئالدىنقى بىر نەچچە پەسىلدىن ئاستا بولغان. 1 ۋە 2-ئايلىق ئاپتوموبىل سېتىش سوممىسىنى 4-پەسىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. ھاۋارايى كىلىماتى سەۋەبىدىن ئېنېرگىيە مۇلازىمەت چىقىمى يەنە بىر قەدەم تۆۋەنلىگەن.
1- ئايلىق سانلىق مەلۇماتلادا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 1-ئايلىق سودا ئۈسكۈنىلىرى چىقىمى كۆرسەتكۈچى يىقىندا بىر ئاز ئاشقان.
تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشچە، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان، لىكىن ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرى يەنىلا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ھالسىرىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايرىم ئولتۇراق ئۆي باھاسى بارغانسېرى ئۆرلىگەن، لىكىن بۇ خىلدىكى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش سانى بەلكىم 2016-يىلىنىڭ ئاخرىدا پەللىگە چىققان بولىشى مۇمكىن.
2- ئايلىق مائاشنىڭ ئۆسىشى روشەن. 2-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلانىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتىدە ئۆرلەش كۆرۈلگەن. بىر قىسىم ئەمگەك تولۇقلىما تەدبىرلىرىدە كۆرسىتىلىشچە، مائاش نۆۋەتتە ئىزچىل ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرغان.
1-ئايلىق ئومۇمىي باھا سەۋىيەسى ۋە 1-ئايلىق يادرو باھا سەۋىيەسى كۈچەيگەن بولۇپ،ئامېرىكىدىكى پۇل پاخاللىقنىڭ FOMC نىڭ نىشانىغا يىقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ئامېرىكا پايچېكى كۆرسەتكۈچى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت زايۇم پايدا نىسبىتى ئۆرلىگەن، نۆۋەتتە نېفىت باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرىلىۋاتقان بولۇپ، سەۋەبى بازار نېفىتنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.