نېمە ئۈچۈن بازار ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىغا «ياردەم بېرىدۇ»؟

gulbostan 2017-03-23 16:19:24

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چەت ئەلدىكى داڭلىق ئىقتىساد تورى Business Insider نىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا فىدېرتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى 3 ئايدىن بۇيانقى 2-قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش ھەركىتىنى ئېلىپ بارغان. بۇ خىل ئەھۋال ئۆتكەن 10 يىلدا ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان.
ۋەھالەنكى، گەرچە ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى پۇل سىياسىتىنى قىسىش جەھەتتىكى ھەركىتى تېزلەشكەن، بىراق ئۆسۈم قوشۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا دوللىرى ئىزچىل چۈشكەن.
گەرچە ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىنى تىزلىتىدىغانلىقى توۈرىسىدا ۋەدە بەرمەسلىكى بىر ئامىل بولسىمۇ، لىكىن تىرامپنىڭ سايلامدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاۇرۇشقا بولغان ئەندىشە كەيپىياتى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چۈشىشىدىكى يەنە بىر ئامىل بولۇپ قالغان.
Whetton ۋە Hill نىڭ يىزىشىچە:«2016-يىلى 10-ئايدا، بازار ياۋرۇپا مەركىزى بەنكىسى ۋە ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ كەلگۈسى 5 يىلدا ھىچقانداق ھەرىكەت قوللانمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىقتىسادتىكى ئۆسۈش ۋە پۇل پاخاللىقى بازارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتنى قايتىدىن مۆلچەرلىشىگە تۈرتكە بولغان.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ خىلدىكى ياۋرۇپا سىياسىتىنىڭ نورماللىقىغا بولغان قايتا مۆلچەر ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىغا چوڭ بىر ياردەم بەرگەن.
ئۇلارنىڭ يىزىشىچە، بۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈش بىسىمىنى يىنىكلىتىشىگە ياردەم بەرگەن، ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈم قوشىشى ھەمدە پۇل مۇئامىلىنى قىسىش شەرتلىرى ئۈچۈن «قانات ياپقان».
Whetton ۋە Hill نىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايتا ئۆسۈم قوشىشىغا يول قويغان ھەمدە دوللارنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك ئامېرىكا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن باشقا بىسىم پەيدا قىلمىغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.