ياۋرۇپا بانكىسىمۇ ئۆسۈم قوشامدۇ؟

gulbostan 2017-03-17 12:48:24

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا بازىرىدا ياۋرۇپا مەركىزى بانكا كومېتىتى، ئاۋستىرىيە دۆلەت بانكىسىنىڭ باشلىقى نوۋوتنىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامانەت پايدا نىسبىتى ئۆستۈرىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى پۇل-مۇئامىلە پايدا نىسبىتىمۇ ئۆستۈرىلىدىكەن. بۇ خەۋەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ياۋرۇنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرىۋوت نىسبىتى ئىلگىرىكى ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈندىلىك يۇقىرى نۇقتا بولغان 1.0750 گە يەتدىكەن، ئىگىلىنىشىچە، بۇ 6 ھەتىدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيە ئىكەن.
نوۋوتنى Handelsblatt نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرىشىچە، ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى بەلكىم ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى بىلەن ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا كەڭ بولغان پۇل سىياسىتىنى توختىتىدىكەن.
ئۇ يەنە:«ئامېرىكا ئەندىزىسى بولسا ئالدى بىلەن قەرز ئېلىشنى توختىتىش، لىكىن بۇ خىل ئەندىزە ياۋرۇپاغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى بارلىق پايدا نىسبىتىنىڭ بىر ۋاقىتتا ھەم ئوخشاش دائىرىدە ئۆرلىشى ناتايىن»دېگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى ئاساسلىق پايدا نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىن بۇرۇن ئالدىن بىلەن ئامانەت پايدا نىسبىتىنى ئۆستۈرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.