ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى بۇ ئايدا ئۆسۈم قوشىدۇ

gulbostan 2017-03-13 17:49:43

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى 3-ئاينىڭ 14-،15-كۈنلىرى ئۆسۈم كېڭىشىش يىغىنى ئاچىدۇ ھەمدە ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم مۇقىملاشتۇرىدۇ، بەيدا كاپىتال باشقۇرۇش شىركىتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 2-پەسىللىك بازار تەرەققىياتى دوكىلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، باش سىتىراگىيەچى Luca Paolini نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى بۇ يىلنىڭ ئىچىدە 3 قېتىم ئۆسۈم قوشىدىكەن، لىكىن ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىلىي ئۈنۈم مۆلچەرى يەنىلا ئەڭ مۇھىم ئىكەن.
بەيدا كاپىتال باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2-ئايدا كۆرۈنگەن خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ ئىلگىرىلىشى ھەمدە بۇل پاخاللىقى بىسىمى، پۇل سىياسىتىنىڭ چىڭىيىش مۆلچەرى قاتارلىقلار پايچىكى بازىرىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ئاكسىيە بازىرىدىن ياخشى بولىشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا پايچېكى بۇ يىل 2-ئايدا %4 ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ ئاينى «ھوسۇللۇق» ئايغا ئايلاندۇردى.
جۇڭگو بازىرى جەھەتتە، جۇڭگو بازىرىنىڭ ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك، يەر شارى ئىكىسپورتىنىڭ ئۆرلىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنى كۈچەيتكەن ھەمدە كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشى ئازلىغان دەپ قارايدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.