غەيرى يېزا ئىگىلىكنىڭ دوكلاتى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ

zumrat 2017-03-10 16:19:59

\

جۈمە(3-ئاينىڭ10-كۈنى) ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن دوللار داۋاملىق ئۆرلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈپ، دوللار / يېن 6 ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان، ADP دىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا،بازارنىڭ كۆز قارىشىدا : 2-ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات دوكلاتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 3-ئاينىڭ 14-15 كۈنلىرىدىكى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا غەيرىي يېزا ئىگىلىك دوكلاتى جۈمە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 21:30دا ئېلان قىلىنىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلار 2 - ئايلىق غەيرىي يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېشىش نىسبىتنىڭ مۆلچەرى175مىڭدىن200 مىڭغا كۆتۈرگەن، مەبلەغ سالغۇچىلار ھازىر غەيرىي يېزا ئىگىلىك دوكلاتىغا دىققەت قىلماقتا.

BK Asset Managementپايتەخت پېرېۋوت ئانالىزچىسىKathy Lienپەيشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى:ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كېلەر ھەپتە ئۆسۈم قوشىدۇ، فېدېراتسىيە فوندى قەرەللىك مال ئورگىنى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرنى % 100قىلغان، ھەمدە 6-ئايلىق ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرنى% 50 قىلغان. غەيرى يېزا ئىگىلىك دوكلاتى6-ئايلىق ئۆسۈم قوشۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قارىدى:ئەگەر غەيرى يېزا ئىگىلىك دوكلاتىدىكى مەلۇم بىر مەزمۇن مۆلچەرگە ماس كەلمىسە ياكى مۆلچەردىن يۇقىرى چىقسا، دوللارنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويىدۇ.

جۈمە كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا،ICEدوللار كۆرسەتكۈچىسى%0.1ئېشىپ 101.94 گە يەتكەن. دوللار /يىن%0.3 ئېشىپ 115.24 گە يېتىپ، 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان، ھەمدە بۇ ھەپتە1% ئاشقان.

رۈي سۈي ئاكسىيىسى ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكا ئانالىزچىسى Yutaka Miuraمۇنداق دېدى : «ئامېرىكىنىڭ قەرز پايدا نىسبىتى بۇ ھەپتە ئۆرلىگەن ، دوللار / يېن باھاسى ئۆسكەن،بىراق 115-116 ئەتراپىدا توسالغۇ كۈچى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن .

جۈمە كۈنى ئاسىيا ۋاقتىدا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن، كۆرسەتمىدە 10 يىللىق ئامېرىكىنىڭ قەرز پايدا نىسبىتى% 2.618 بولغان، رېيتېر سانلىق مەلۇماتغا ئاساسلانغاندا، بۇ بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان. پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بازىرى بازار يېپىلغاندا %2.598بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.باشقا تور بەتلەرنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈشىگە يول قىلىنمايدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.