ھىندىستاننىڭ كۈمۈش بازىرى كاساتلاشتى

rabigul 2017-03-02 18:36:52

\

2017 - يىلى , دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈمۈش ئىستېمال دۆلىتى بولغان ھىندىستان، 2012-يىلىدىن بۇيان كۈمۈش ئىمپورت مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بولدى. ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تۆۋەن ئىقتىسادقا زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆپ سۇممۇلۇق پۇلنى بىكار قىلىش پەرمانى يۈرگۈزدى. شۇ سەۋەپتىن ھىندىستاندىكى كەڭ دېھقانلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى .

مېتال فوكۇسلاش ئانالىزچىسى Chirag Shethنىڭ دېيىشىچە، ھىندىستاننىڭ 2016-يىلىدىكى ئىمپورت قىلىنغان كۈمۈش مىقدارى %60 تۆۋەنلەپ، ئىمپورت قىلىنغان مال 3000 توننا ئازايغان، ھەمدە مۆلچەرلىنىشچە، 2017 - يىلى ھىندىستاننىڭ كۈمۈش ئىمپورت مىقدارى يەنىمۇ ئازىيىپ كېتىدىكەن.

ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە ، پۇقرالارنىڭ كۈمۈشكە ئىبادەت قىلىدىغان ئادىتى بار ئىكەن، ھىندىستاننىڭ «رۇپىيە» دېگەن سۆز قەدىمكى ھىندىستاننىڭ سانسىكرىت تىلىدا دەل كۈمۈش دېگەن مەنىدە ئىكەن.

ھىندىستاننىڭ يېزا رايونلىرى ، نامرات ئائىلىلەردە، كۈمۈش ئالتۇن دەپ قاراپ.كەڭ يېزىلاردىكى ئاياللار كۈمۈشتىن ياسالغان پۇت زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىكەن.

ھىندىستاننىڭ كۈمۈش ئاساسلىق ئەنگلىيە،ۋە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن شياڭگاڭ رايونىدىن كىلىدىكەن.

Hundia Exports Ltdنىڭ خوجايىنىSuresh Hundia مۇنداق دىدى،يېقىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە ، ھىندىستاننىڭ كۈمۈش بازىرى بەك جىمجىت ، مەھسۇلات بازىرى يوق دېگۈدەك. چۈنكى ماددىي بۇيۇم ئېھتىياجى كەمچىل بولغانلىقتىن ، نۇرغۇن سودىگەر ئاللىبۇرۇن ھازىرقى مال تارقىتىش زاكاز مال بازىرىدا كىرىشتۈرمە سودا ئارقىلىق قىممىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.