3- ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜﻡ ﻗﻮﺷﯘﺵ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺪﻯ.

rabigul 2017-02-23 15:39:04

\

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭFED ئەڭ يىڭى مۇھىم خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشچە، كېلەر قېتىمقى ئۆسۈم قوشۇش ۋاقتى بەلكىم بازارنىڭ ئەسلىدىكى مۆلچەرلىگەن ۋاقىتتىن بالدۇر بۇلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بائۇئېر پەيشەنبە (2ئاينىڭ-23-كۈنى ) مۇنداق دىدى، پەقەت ئامېرىكا ئىقتىسادى بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلىسا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تەدرىجىي ئۆسۈم قوشىدۇ، چوقۇم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن، 3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى بار، بۇ يىلقى ئۈچ قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەردىن ياخشى بىر نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىدىغىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

FXStreet نىڭ ئانالىزچىسى Omkar Godbole ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 3-ئايلىق ئۆسۈم قوشۇش توغرىسىدا ئويلىنىش باسقۇچىدا ئەمەس بۇلۇپ، تەپسىلىي مەزمۇنى تۆۋەنگىچە:

چىكاگو سودا بىرژىسى CME نىڭ 30 كۈنلۈك ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قەرەللىك مال باھاسىنىڭ ئىپادىلىنىشچە، بازار مۆلچەرىدە، 3 - ئايلىق ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتى ئاران % 22 بولغان.

تارىخ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، پەقەت شۇ ۋاقىتتىكى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەر نىسبىتى%60 پىرسەنتكە يەتكەن ۋاقىتتىلا ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولسا كۈتۈلمىگەن ئامىللار ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولمايدۇ.

كېچىچە داۋاملاشقان مۇھىم يىغىن خاتىرسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئىگىلىكنى ياخشىلاش، شۇنداقلا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد سىياسىتى پۇل پاخاللىقى مۆلچەردىكىدىن ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.