تىرامپنىڭ بازار ئەھۋالىنى ياخشىلىشى ئەمدى باشلاندى

gulbostan 2017-02-10 16:47:32

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى:پېڭبو خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، دېيىجى بانكىسىنىڭ يەر شارى سىتىراتىگىيەچىسى، ۋولل كوچىسىنىڭ ئەڭ ئۈمىدۋار پاي بازىرى تەھلىلچىسى Binky Chadha نىڭ بىلدۈرىشىچە، تىرامپ سايلىمىدىن كىيىنكى ئۆسۈش ۋەزىىيىتى پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەن.
دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، Chadha نىڭ تۈنۈگۈن كى بىر دوكىلاتتا بىلدۈرىشىچە، 11-ئايدىن باشلاپ، پاي بازىرىنىڭ بازار قىممىتى جەمئىي 2 تىلىيارد دوللار ئاشقان، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار خاتا ھالدا قوزغىتىش تەدبىرى سىياسەتنىڭ تەڭشىلىگە بولغان مۆلچەر تۈپەيلىدىن بولغان دەپ ئويلىغان.
Chadha نىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆسۈش ۋەزىيىتى چوڭ سايلامنىڭ مۇقىمسىزلىقىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
Chadha نىڭ يېزىشىچە، «سايلامدىن كىيىن<تىرامپنىڭ بازار ئەھۋالىدىكى ئۆرلەش ۋەزىيىتى> سىياسىي تەڭشەش ۋە غىدىقلاش سىياسىتىغا بولغان مۆلچەرنى ئىپادىلىمىگەن.
ئۇنىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە؛» ئەمىلىيەتتە ناھايىتى جىددىي بولغان سايلامدىن كىيىنكى ۋەكىللىك ئۆسۈش ۋەزىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مۇقىمسىزلىق خەتىرىدىن كېلىپ چىققان ئۆرلەش باھاسىنى قويۇۋەتكەن، سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە غىدىقلاش تەدبىرىنى قوبۇل قىلىپ كەتمىگەن.»
Chadha نىڭ يېزىشىچە، پاي چېكى مۇتلەق قىممەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا قىممەت ئەمەسكەن ھەمدە كارخانا ئىش ئۈنىمى ۋە ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، پاي چېكى ۋەزىيتى يىقىنىدىكى جىددىيلىكىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.