ياپۇنىيە يىنى تىرامپنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالىدۇ

gulbostan 2017-02-09 18:19:51

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: گوللاندىيە ھەمكارلىق بانكىسى (Rabobank) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى پېرىۋوت سىتىراتىگىيچىسى Jane Foley نىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 10-فېۋرال ۋاشىنگىتوندا ئابى شىنزۇ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئالدىنقىسى ياپۇنىيە يىنىغا نىسبەتەن ئاكتىپ مەيداندا بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەخىتكە چىققاندىن باشلاپ، تىرامپ ئامېرىكا –ياپۇنىيە ئىككى دۆلەت سودىسىغا نىسبەتەن كۈچلۈك قاراتمىلىق سۆزلەرنى قىلغان.
تىرامپنىڭ بىلدۈرىشىچە، توكيو تەرەپ ئامېرىكىنى ياپۇنىيەدە ئاپتومۇبىل ساتقۇزمايدىغان، ھەمدە ياپۇنىيە ئىكىسپورت سودىگىرىنى پايدىغا ئېرىشتۈرىدىغان «ئادىل بولمىغان» پۇل سىياسىتىنى ياپۇنىيەنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتىگە دۆڭگەپ قويغان.
Jane Foley ھەپتىنىڭ 3-كۈنى CNBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرىشىچە، دەل كىيىن تىلغا ئېلىنغان نۇقتا، تىرامپنىڭ جۈمە كۈنى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىسى ئىكەن.
ئۇنىڭ تولۇقلاپ ئېيتىشىچە:« تىرامپ ناھايىتى كەسكىن» ئىكەن.
تاشقى پېرىۋوت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ياپۇنىيە يىنى تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن ۋاقىتتا،«تىرامپنىڭ سۆزى ئورۇنلۇق» ئىكەن.
Foley نىڭ ئېيتىشىچە:»ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ياپۇنىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ كۆرسەتكۈچىدىكى ياپۇنىيە يىنىنىڭ ئەمىلىي ئايرىۋاشلاش نىسبىتى 1973يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنداتۇرغان، ياپۇنىيە يىنىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتى ئازىراق ئۆرلىگەن بولۇپ، لىكىن باشقا كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ياپۇنىيە يىنى ۋە ياۋرۇغا بولغان قاتارلىق پۇللارغا بولغان پېرىۋوت يۇقىرى مۆلچەرلەنگەن.
بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ياپۇنىيە يىنىغا بولغان پېرىۋوتى 112.15 ئەتراپىدا بولغان بولۇپ،ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خەتەردىن ساقلىنىش قاتارلىق ئامىللار ياپۇنىيە يىنىغا ياشى تىرەك بولىدىكەن، لىكىن يىغىننىڭ يىقىنلاپ كىلىشى بىلەن، پېرىۋوت نىسبىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن بولىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.