كېلەر ھەپتىدىكى يېلىننىڭ نۇتىقى 3-ئايلىق ئۆسۈم قوشوشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق ؟

rabigul 2017-02-07 16:32:40

\
تىنچ ئوكيان مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش شىركىتى (PIMCO)نىڭ يەر شارى باش مۇقىم تاپاۋەتلىك مەبلەغ سېلىش ئەمەلدار Andrew Balls سەيشەنبە (2- ئاينىڭ 6-كۈنى ) مۇنداق دېدى، «ئەگەر 3- ئايدىكى ئۆسۈم نىسبىتى ئۆسۈپ كەتسە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تىرىشىپ، بازارنىڭ تۇيۇقسىز تاسادىپىيلىق ھېس قىلىپ قېلىشىنى توسۇش كېرەك، چۈنكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن ئالدىن مۆلچەرلىگەن مۆلچەرى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلىن 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن پايدىلىپ 3- ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرنى قايتىدىن تەستىق قىلسا بولىدۇ.» دىدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 1-ئايدىكى يىغىنىدا پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىدى.ئۆتكەن يىلى12 -ئايدىكى «رېشاتكىلىق گرافىكتا » دا تەدبىرچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىكى 2017 -يىللىق ئۆسۈم قوشۇشنى ئۆستۈرۈشنىڭ قىممىتىگە نىسبەتەن، نۇرغۇن كىشلەر نەتىجىسى بىر قىسىم مالىيە سىياسىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دەپ قاراشتى.
گەرچە ئالدىنقى جۈمە (2-ئاينىڭ 6-كۈنى) ئېلان قېلىنغان غەيرىي يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۈماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا 1- ئايدىكى غەيرىي يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانىنى زور دەرىجىدە ئېشىپ227 مىڭ كىشىگە يەتكەن، ئەمما 1-ئايدا ئىشسىزلىق نىسبىتى%4.8 پىرسەنت كۆتۈرۈلگەن، ئىش ھەققىنىڭ ئايلىق نىسبىتىنى%0.1 ئۆسۈپ، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرنى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىتىۋەتتى. لېكىن، غەيرىي يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، نەچچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بەس-بەستە سۆز قىلىپ، بازارنىڭ 3-ئايلىق ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۈشەنبە (2-ئاينىڭ6-كۈنى)ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە بىرلەشمە ساقلاش رەئىسى خاككېر مۇنداق دېدى،« 3-ئايدىكى يىغىندا ئۆسۈم قوشۇشنى ئويلىشىشى كېرەك، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئالدىنقى جۈمە (2-ئاينىڭ3- كۈنى)ئامېرىكا سان فرانسىسكو بىرلەشمە ساقلاش رەئىسى ۋىليامىسمۇ بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەپ، 3-ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇشنىڭ بەلگىلىك سەۋەبى بار، 2017-يىلى قايتا ئۆسۈم قوشۇش سانى ئۈچ قېتىم بولسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىدۇ.» دىدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى2-ئاينىڭ 22-كۈنى1 - ئايلىق فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسىنى ئېلان قىلىشنى بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلىن كېلەر ھەپتىنىڭ (2-ئاينىڭ 14-15 كۈنلىرى)پارلامېنت ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلىدۇ.بۇ نۇتۇقتا 3-ئايدىكى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ئىنىق بولغان پىكىر بىلەن تەمىنلەش تەمىنلىيەلمەسلىكى مۇمكىن.



ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.