دۇنيادىكى ئەڭ باي 10 كىشى

gulbostan 2017-02-06 18:44:03

\

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: يىقىندا، فۇبىس ژورنىلى دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بىل گەيتىس 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن دۇنيادا 1- ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئۇدا 3 يىل دۇنيادىكى بۇ ئورۇننى ساقلاپ كەلگەن، تۆۋەندە دۇنيادىكى ئەڭ باي 10 كىشىنى كۆرۈپ باقايلى.

1.بىل گەيتىس (ئامېرىكا)

يېشى: 60 ياش

بايلىقى: 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

بىل گەيتىس بۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقىلى 3 يىل بولغان بولۇپ، 22 يىلدىن بۇيانقى 17-قېتىم بۇ تىزىملىكتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. 60 ياشلىق مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان بىل گەيتىسنىڭ مۈلىكى 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىكى 79 مىليارد 200 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن بىر ئاز تۆۋەنلىگەن.

2. مودا ماركا ZARA نىڭ قۇرغۇچىسى ئورتىگا (ئىسپانىيە)

يېشى: 79 ياش

بايلىقى: 67 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

ئۇ «پايچېكى ئىلاھى» بولغان باففىتنى بۇ ئورۇندىن سىقىپ چىقارغان بولۇپ، ئىسپانىيەدىكى داڭلىق مودا ماركا ZARA نىڭ قۇرغۇچىسى. تەپسىلاتلارغا ئاساسلانغاندا ئورتىگانىڭ بايلىقى 2015-يىلى بىر قاتلانغان بولۇپ، 67 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ كارخانا 480 تارماق دۇكان ئاچقان.

3. بەكشىر خاساۋېي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋولىن باففېت (ئامېرىكا)

يېشى: 85 ياش

بايلىقى: 60 مىليارد 800 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى

دۇنياغا داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى. پايچېكى، فوند كەسپى، ئېلىكتىرونلۇق نەق مال سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. «پايچېكى ئىلاھى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ يىل 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

4. ئامازۇننىڭ قۇرغۇچىسى بىسوس (ئامېرىكا)

يېشى: 52 ياش

بايلىقى: 53 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

ئامازون شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جىف بىسوسنىڭ بايلىقىدىمۇ ئېشىش بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يىللىق بايلىقى 53 مىليارد دوللار بولغان. بۇلتۇر ئۇ 15-ئورۇنغا تىزىلغان ئىدى.

5. ئېلىكتىرونلىڭ ئالاقە ماگىناتى سىلىم (مىكسىكا)

يېشى: 76 ياش

مۈلىكى: 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

ئۇ ئەمىلىيەتتە بۇ يىل 27 مىليارد 100 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتىكى ئەڭ زىيان تارتقان كىشى بولۇپ قالغان.

6. Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى زاكىربەگ (ئامېرىكا)

يېشى: 31 ياش

مۈلىكى: 47 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

ئۇ ئۆتكەن يىلى ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان كىشى بولۇپ، بايلىقى 11 مىليارد 200 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان. ئۇ بۇ تىزىملىكتىكى ئالدىنقى 10 چوڭ باينىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش.

7.چىغىناق-تاغاق يىزىقى يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلسىن (ئامېرىكا)

يېشى: 71 ياش

مۈلىكى : 46 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

لارى ئېلسىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ غۇجايىنى بولۇپ، ئۇنىڭ مۈلىكى 46 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

8. پېڭبو ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بىرۇڭبەگ (ئامېرىكا)

يېشى: 74 ياش

مۈلىكى: 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

ئۇ دۇنيانىڭ «ياپتەختى» بولغان نيۇيوركنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىقتىسادىي ئۇچۇرنى كونتىرول قىلىدۇ.

9 ۋە 10. ئېنېرگىيە ماگناتى بولغان سانائەت گوروھىنىڭ غوجايىنى كېخ ئاكا- ئۇكىلار (ئامېرىكا)

يېشى: 80 ياش

مۈلىكى:39 مىليارد 600 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى

ئۇلار گەرچە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن بولسىمۇ، لىكىن بۇلتۇرقىدىن چېكىنىش بولغان.

دۇنيادىكى ئەڭ باي بۇ 10 كىشىنىڭ مۈلىكىنىڭ يىغىنسى پۈتۈن دۇنيادىكى3 مىليارد 600 مىليۇن نامرات كىشىنىڭ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىغا باراۋەر. بۇ دۇنيادىكى باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىن باشقا يەنە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئېنتىرنىت تورىنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلغان. دەۋرىمىزدىكى مايۈن، لىيۇ چاڭدۇڭ، ما خۇاتېڭ قاتارلىقلارمۇ بۇ ئلتۇندەك پۇرسەتتىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلانغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ «باھارى» نى كۈتىۋالغان. ھازىر «ئىنتىرنېت +» بارلىق كەسىپلەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، پۇرسەت ھەممىلا جايدا بار، ھەممە پەقەت سىزنىڭ زادى نېمىنى تاللىشىڭىزدا.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.