مېتاللار باھاسدىن ئالدىن مۆلچەرلەش ئېلىپ باردى

rabigul 2017-02-01 17:32:56

\

ئاپپاراتلار مۇنداق دەپ قارىدى، ئالتۇن باھاسىنىڭ بۇ يىلقى ئوتتۇرچە قىممىتى 1244 دوللار بۇلۇپ، بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن. يەرلىك سىياسىي مۇقىمسىزلىق ئامىلنى كۆزدە تۇتۇپ،2017-يىلدىكى ئۆزگىرىشلەردىن تېرامىپ سىياسىتى، ئەنگىلىيىنىڭ ياۋرۇپا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى ۋە گېرمانىيە، فرانسىيە چوڭ سايلىمى كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بۇلۇپ، روشەنكى ۋەزىيەت بارغانسېرى كۈچىيىپ ماڭماقتا.

ئەگەر ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى تەدبىرنى قوللانسا، پۇل پاخاللىقىمۇ ئالتۇنغا پايدىلىق بۇلىدۇ. لېكىن ئامېرىكىنىڭ 3 قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى، دوللار ۋە ئامېرىكا پاي چېكى ئۆسۈشى جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ پەسكويغا چۈشۈرۈپ، ئالتۇنغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئاپپاراتلارنىڭ كۈمۈشكە نىسبەتەن كۆز قارىشى تېخىمۇ ئۈمىدۋار بۇلۇپ،ئوتتۇرچە نىشانى17.77دوللار ئەتراپىدا ۋە ئالتۇنغا ئوخشاش ،يەرلىك سىياسەتنىڭ ئېنىقسىزلىقى كۈمۈشكىمۇ پايدىلىق بۇلۇپ،ئەمما ئىقتىسادنىڭ ھالىتىنى كۈچەيتىپ سانائەتنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆستۈردى.پايدىسىز ئامىل ئامېرىكا دوللارنىڭ كۈچىيىشى ۋە تېرامپىنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سودا سىياسىتىدىن بۇلۇپ بازارغا سېلىش فوندى ۋە قەرەللىك مال بازىرىنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتتى

ئاپپاراتلار بۇ يىل پىلاتىنا ئالتۇننىڭ ئوتتۇرچە باھاسى 1014 دوللار دەپ قارىغان بولۇپ، مۆلچەر تەمىنلەش بىلەن تەڭلەشتى، رانىدنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئاساسلىق باھا يۆنىلىشدۇر. پايدىلىق ئامىللار بولسا دىزېل ئاپتوموبىلنىڭ ئېھتىياجىنىڭ كۈچىيىشى، پايدىسىز ئامىل شۇكى ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۈنچە - مەرۋايىت كەسپىنىڭ روناق تاپالماسلىقىدىن ئىبارەت.

ئاپپاراتلار پاللادىينىڭ بۇ يىلقى ئوتتۇرچە باھاسى 762 دوللار ئەتراپىدا دەپ قارىدى. مۇقىم تەمىنلەش ۋە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئاپتوموبىل سېتىش ئاستىلاش خەۋپنىڭ ھەممىسى باھا شەكىللىنىشىنى چەكلەپ قويدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.