تىرامپ باجنى كېمەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرماقچى

gulbostan 2017-01-25 19:14:14

\

ئاكسىيە تورى 24-يانۋار خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 23-يانۋار يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرىدىغانلىقى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى سىرتقا يۆتكىگەن كارخانىلاردىن يۇقىر سوممىلىق چىگرا بېجى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىرامپ شۇكۈنى 10 نەچچە ئامېرىكا كارخانا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئوتتۇرا بۇژۇئازىيە ۋە كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كېمەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، پارلامېنت بىلەن ھەمكارلىشىپ، كارخانلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى %15 تىن %20 كىچە چۈشىرىدىكەن.

تىرامپ ئىلگىرى سايلامدا فېدېراتسىيە شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ 7 تۈرلۈك نىسبىتىنى قىسقارتىپ %12، %25 ۋە %33 قىلىپ بەلگىلەيدىغانلىقى، ئەڭ يۇقىرى فىدېراتسىيە كارخانىلىرىنىڭ تاپاۋەت باج نىسبىتىنى %35 تىن 515 كە چۈشىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

تىرامپ ئۇ كۈنى يەنە %75 نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

تىرامپنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى شىتاتلاردا مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرىدىغان بولۇپ، ئەگەر كارخانىلار ئىشلەپچىقرىشنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەپ كەتسە، ئۇ ھالدا بۇ كارخانىلار يۇقىرى سوممىلىق باج تۆلەيدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.